ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتايغا قارشى تۇرۇشتا قاتتىق قوللۇقى بىلەن بىلىنگەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو روبىيو دۈشەنبە كۈنى (21-ئىيۇن) مەجلىسكە «2021-يىللىق كورونا ۋاباسى قانۇن لايىھەسى» سۇنغان بولسا، جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايك گالىگېر سەيشەنبە كۈنى (22-ئىيۇن) «2021-يىللىق كورونا ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش قانۇن لايىھەسى» سۇنغان. بۇ ئىككىيلەن ئوتتۇرىغا قويغان قانۇن لايىھەسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى مۇستەقىل بىر خەلقئارالىق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ خىتايغا بېرىپ، ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات ئورنى ۋە باشقا تەجرىبىخانىلىرىدا كورونا ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈشىگە يول قويمىسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي ئالىملىرىغا جازا يۈرگۈزۈلىدىكەن.
ماركو روبىيو ئۆز باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «خىتاي كومپارتىيەسى كورونا ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى خالىمايدۇ. ئامېرىكا چوقۇم ئۇلارنى ھەمكارلىشىشقا مەجبۇرلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن قىلىدىغان بىرىنچى ئىش، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي تەتقىقات ئورۇنلىرىغا بېرىۋاتقان ياردىمىنى ئۈزۈش. ئاندىن بىز بۇ ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرىگە جازا يۈرگۈزۈشىمىز كېرەك. ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىنى سەھىيە قانۇنى جەھەتتىن تەكشۈرىدىغان ۋاقتى كەلدى».
ئىلگىرى گەرچە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى-خىتاي بىرلەشمە تەتقىقات گۇرۇپپىسى بۇ يىلنىڭ بېشىدا ۋۇخەننى زىيارەت قىلغان بولسىمۇ، ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىدىن تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىنكار قىلغانىدى. ئەگەر خىتاي بۇ قېتىم ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈشكە داۋاملىق توسقۇنلۇق قىلسا، بايدېن ھۆكۈمىتى قانداق جازا تەدبىرى قوللىنىدۇ؟ بۇ تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.