ب ب س: شى جىنپىڭ 19-قۇرۇلتايدا قائىدىنى بۇزدى، سىياسىي بيۇرو ئىزبازارسىز

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.10.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي كومپورتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيى بۈگۈن يەنى 25-ئۆكتەبىر كۈنى يېپىلدى. خەلقئارا خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىشىدىن يېپىلىشىغا قەدەر جەريانى ۋە نەتىجىسى يەنى شى جىنپىڭنىڭ ۋەزىپىسىنى داۋام قىلىشى ۋە ھاكىمىيەتتىكى ئورنىنى مۇستەھكەملىشى خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈتكىنىدىن پەرقلىق بولمىدى؛ پەقەت يېڭىدىن تەيىنلەنگەن سىياسىي بيۇرودا ئىزباسار دەپ قارالغۇدەك كىشىنىڭ بولماسلىقى بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەرنى ئەجەبلەندۈردى.

ب ب س نىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئاخبارات ساھەسىدە، شى جىنپىڭ ۋە لى كېچياڭنىڭ ئىزباسارى دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان 54 ياشلىق خۇ چۈنخۇا بىلەن 57 ياشلىق چېن مىنئېر يېڭى سىياسىي بيۇرو دائىمىي كومىتېتىغا كىرەلمىگەن.

ب ب س نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتايدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قائىدە بويىچە خىتاي دۆلەت رەئىسى ۋە باش مىنىستىر ئىككى نۆۋەتلا ۋەزىپە ئۆتىشى، ئىككىنچى نۆۋەتلىك ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالىدىغان چېغىدا كېلەر نۆۋەتلىك ئىزباسارلىرىدىن شەپە بېرىشى كېرەك.

ب ب س دا بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان خوڭكوڭلۇق مۇتەخەسسىسلەر سىياسىي بيۇرونىڭ يېڭى دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى ۋە خەن جېڭ قاتارلىقلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيەت قاتلىمىدا تەسىر كۈچى بولمىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن؛ ئۇلار يەنە بۇ ئەھۋالنىڭ گەرچە شى جىنپىڭنىڭ ئورنىنىڭ مۇستەھكەملىنىشىگە پايدىلىق بولسىمۇ، ئەمما سىياسىي بيۇرونىڭ كوللېكتىپ رەھبەرلىك ئىقتىدارىدا ئاجىزلىق شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى سىياسىي بيۇروغا يېشى 60تىن ھالقىغان ۋە تەسىر كۈچى ئاز شەخسلەرنى تاللاش ئارقىلىق ئۆزىگە 3-قېتىم ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن يول ئېچىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بەزىلەر نۆۋەتتىكى بەش يىلنى ساغلام داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇل سالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.