ياپونىيە خىتاي ئايروپىلانىنى توسۇش ئۈچۈن كۈرەشچى ئايروپىلان چىقاردى
2013.02.28
ياپونىيە پەيشەنبە كۈنى سېنكاكۇ ئارىلى ھاۋا تەۋەلىكىگە قاراپ ئۇچقان بىر خىتاي ئايروپىلانىنىڭ ئالدىنى توسۇش ئۈچۈن كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى ئىشقا سالدى.
ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن بېرىلگەن مەلۇماتتا ئېيتىلىشىچە، پەيشەنبە كۈنى خىتايغا تەۋە «ي_12» تىپلىق ئايروپىلان سېنكاكۇ ئارىلىغا قاراپ ئۇچقان. ئەمما ياپونىيە كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ئۇنىڭ ئالدىنى توسقاندىن كېيىن ئارالنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرمەي كەينىگە قايتىشقا مەجبۇر بولغان.
ئوخشاش ۋاقىتتا يەنى ياپونىيە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 7:00 ئەتراپىدا خىتاينىڭ 3 دېڭىز چارلىغۇچى كېمىسى ياپونىيىنىڭ ئۇتسورى ئاراللىرىغا يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىپ، ئىككى سائەتتىن كېيىن رايوندىن ئايرىلغان.
خىتاينىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى بۇ ھەرىكىتى ئۇنىڭ يېقىندىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان بۇ خىل ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ. ئوخشاش ۋەقە ئالدىنقى ئايدىمۇ يۈز بەرگەن ۋە ياپونىيە سېنكاكۇ ھاۋا تەۋەلىكىگە ئۈسۈپ كىرگەن خىتاي ئايروپىلانىنى توسۇش ئۈچۈن كۈرەشچى ئايروپىلان چىقارغان ئىدى.