ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى 7-دېكابىر پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقى، كىشىلىك ھوقۇق، ئۇكرائىنا مەسىلىسى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دىر لىن ۋە ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى چارلېز مىشېل قاتارلىقلارنىڭ خىتاي زىيارىتى باشلىنىش ئالدىدا ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا، بولۇپمۇ راھىلە داۋۇت، ئىلھام توختى قاتارلىق ئۆمۈرلۈك قاماقتىكى كىشىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەيئىتى 7-دېكابىردىكى ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، «ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىكى سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى قايتا تەكىتلىگەنلىكىنى ۋە خىتاينى ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا قايتۇرغان ئىنكاسىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەر دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلاردا داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسى، جۈملىدىن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تىلغا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ زىيارەتتە ھەل قىلماقچى بولغان ئاساسلىق مەسىلىسى، خىتاي بىلەن بولغان سودىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى تۈگىتىش ئىكەن. بىراق ئۇچرىشىشتا سودىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك كونكرېت قەدەم ئېتىلمىغان ئىكەن. ئىككى تەرەپ يەنە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى توختىتىش مەسىلىسىدىمۇ بىر ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلالمىغان.