6-ئاپرېل، بىر قانچە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئورتاق مەكتۇپ ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى.
ئامېرىكا قەلەمكەشلەر مەركىزى، خەلقئارا ھۆر تىبەت ھەرىكىتى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، پۇقرالار كۈچى قاتارلىق تەشكىلاتلار ئېلان قىلغان مەكتۇپتا، خىتاينىڭ دىنىي ۋە پىكىر ئەركىنلىكى، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە ئوخشىمىغان پىكىردىكى ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ئۇچرىشىشتا «بىز پرېزىدېنتنىڭ بىزنىڭ ئەندىشە ۋە تەۋسىيەلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سۆھبەت جەريانىدا خەلقئارا ئۆلچەملەردىكى ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئاشكارا ئىپادىلەشكە چاقىرىمىز» دېگەن.
پرېزىدېنت ترامپ پەيشەنبە كۈنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى فلورىدا شتاتىدا كۈتۈۋالغان. يۇقىرىقى تەشكىلاتلارنىڭ مەزكۇر ئورتاق مەكتۇپى دەل خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ فلورىداغا يېتىپ كەلگەن كۈنى ئېلان قىلىنغان.
ئۇلار ئورتاق مەكتۇپىدا، ئىپادە ئەركىنلىكىنىڭ باستۇرۇلۇشى ئەندىشە قوزغاۋاتقان ھالقىلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «يېقىندىن بۇيانقى باستۇرۇشلار نوقۇل بېيجىڭدا يۈز بېرىپ قالماي، باشقا نۇرغۇن ئۆلكىلەردە ۋە دېڭىز بويىدىكى رايونلاردا، تىبەت، شىنجاڭ، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق ئاپتونوم رايون ۋە خوڭكوڭدا يۈز بەردى» دېگەن.
ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ناملىق تىبەت تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا ن تېلېۋىزىيە قانىلى ن ب س غا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار مەزكۇر مەكتۇپنى پەيشەنبە كۈنى ئاقسارايغا تاپشۇرماقچى بولغان ئىكەن.