خىتايدا كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى بىر كۈندە 20 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022-04-07
Share

خىتاي تاراتقۇلىرى 6-ئاپرىل كۈنى سائەت 24:00 كىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىدا 4 نەپەر ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى بايقالغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىككى نەپىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئىكەنلىكىنى، قالغان ئىككى نەپىرىنىڭ ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىسىگە قايتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسەن ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، 6-ئاپرىل كۈنى سائەت 0:00 دىن 24:00 گىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا (بىڭتۇەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئومىكروننىڭ يېڭى ۋارىيانتى بىلەن يۇقۇملانغان ئالامەتسىز بىمارلارنىڭ سانى 51 نەپەرگە يەتكەن. بۇلارنىڭ 19 نەپىرى ئۈرۈمچىدە، 2 نەپىرى كورلادا، 23 نەپىرى خوشۇت ناھىيەسىدە، 7 نەپىرى سانجىدا ئىكەن.

خىتاي مىقياسىدا ھازىر كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئومىكرون ۋاريانتى قاتتىق تارقىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ دۆلەتلىك سەھىيە كومىتېتى 6-ئاپرىل كۈنى بىر كۈن ئىچىدە ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 20 مىڭ 472 نەپەرگە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇ ھازىرغىچە خىتايدا ئېلان قىلىنغان ئەڭ يۇقىرى كۈندىلىك يۇقۇم سانى ئىكەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ھەپتىدىن باشلاپ 25 مىليون نوپۇسقا ئىگە شاڭخەي شەھىرىنى قاتتىق قامال قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 80 پىرسەنتى يەنىلا شاڭخەيدە ئىكەن.

قامال تەدبىرلىرىنىڭ رەھىمسىزلەرچە يۈرگۈزۈلۇۋاتقانلىقى شاڭخەي ئاھالىلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىماقتا ئىكەن. قامالغا ئائىت ۋەھىمىلىك كۆرۈنۈشلەر، ئاچ قالغان ئاھالىلار ۋە يۇقۇملانغان بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن تارتىۋېلىنىشىدەك كۆرۈنۈشلەر ئاشكارىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىگە سوئال پەيدا قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت