خىتايدا كەلگۈسى بىر قانچە ئايدا 800 مىليون ئادەم يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن

نۆۋەتتە، خىتايدا يېڭى تىپلىق تاجىسىان ۋىرۇس مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە شىددەتلىك كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، خىتاي سەھىيە تارماقلىرى كەلگۈسى بىر قانچە ئايدا 800 مىليون ئادەمنىڭ يۇقۇملىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىىيوسى NPR نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر قانچە خىل تەكشۈرۈش شەكىللىرى يېرىم مىليون ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئادەمنىڭ يۇقۇمدىن ئۆلۈشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتمەكتىكەن. ئۆتكەن ھەپتە خوڭكوڭ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، بىر مىليونغا يېقىن ئادەمنىڭ ئۆلۈشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيوسى NPR نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يەرشارى ساغلاملىق تەتقىقاتچىسى شى چېن، يېقىندا خىتاي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ دىرېكتورى لياڭ شاۋفېڭنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇلار ئارقىلىق «تۇنجى قېتىملىق كوۋىد دولقۇنىنىڭ ئەمەلىيەتتە 60 پىرسەنت ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى يۇقۇملاندۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ كەلگۈسى 90 كۈن ئىچىدە يەرشارىدىكى 10 پىرسەنت ئادەمنىڭ كوۋىد ۋىرۇسىدا يۇقۇملىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

NPR نىڭ ئېيتىشىچە، خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە بىئو-ستاتىستىكا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى، پروفېسسور بېن كوۋلىڭ بۇ پەرەزگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ۋىرۇسنىڭ خىتايدا ھەرقانداق يۇقۇم مەزگىلىدىكىدىن تېز تارقىلىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ خىتاي پۇقرالىرىدا يۇقۇم خاراكتېرلىك بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

خوڭكوڭ تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ بېيجىڭ قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىدە يۇقۇمدارلارنىڭ كۆپلۈكىدىن دوختۇرخانا يېتىشمەسلىك، دورا يېتىشمەسلىك، يۇقۇمدا ئ‍ۆلگەنلەرنى كۆيدۈرۈشكە جەسەت كۆيدۈرۈش زاۋۇتى يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كېلىپ چىققان. لېكىن شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە تارماقلىرى رايوندا يېقىنقى 3 كۈندىن بېرى ھېچقانداق يۇقۇمدار بايقالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.