ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى خىتايغا يېقىن شىركەتنىڭ سانائەت ئورنى ھەققىدە مالىيە مىنىستىرلىقىغا خەت يازغان

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ئالاقىسى بولغان گوشىن (Gotion Incorporated) شىركىتى مىچىگاننىڭ مېكوستا ناھىيەسىدە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرىگە يېقىن جايدا سانائەت ئورنى قۇرغان. ئامېرىكىدىكى چەتئەل مەبلەغ سېلىش كومىتېتى (CFIUS) خىتاينىڭ بۇ سانائەت ئورنىنى تەكشۈرمىگەن ۋە توسمىغان. بۇ ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە بولغان ئەندىشىنى پەيدا قىلغان.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو روبىيونىڭ 10-ئاينىڭ 18-كۈنى رەسمىي تور ھېسابىدىن خەۋەر قىلىشىچە، ماركو رۇبىيو ۋە ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون مولېنار قاتارلىقلار مالىيە مىنىستىرى جانېت يېلېنغا خەت يېزىپ، ئامېرىكىدىكى چەتئەل مەبلەغ سېلىش كومىتېتنىڭ قارار چىقىرىش جەريانى ھەققىدە سوئاللار سورىغان ۋە ئۇنىڭ قائىدىلىرىنى يېڭىلاشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن چوڭقۇر مۇناسىۋىتى بار بولغان گوشىن شىركىتىنى ئامېرىكىنىڭ چوڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرىنىڭ يېنىدا سانائەت ئورنى قۇرۇشتىن توسۇپ قالالمىدى، بىز بۇنىڭدىن بەك ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ خەتنى يازدۇق».

بۇ خەتنى ماركو رۇبىيو ۋە مولېناردىن باشقا يەنە كېڭەش پالاتا ئەزاسى توم كاتىن، مايك براۋن، جونى ئېرنىست ۋە ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن لىزا ماككلايىن، بىل خۇيزېنگا، جەك بېرگمان، جون جامىس ۋە تىم ۋالبېرگ قاتارلىقلار قوللىغان.

پارلامېنت ئەزالىرى ئامېرىكىدىكى چەتئەل مەبلەغ سېلىش كومىتېتىدىن نېمە ئۈچۈن بۇ يەرنىڭ 2024-يىلى 7-ئايغىچە كاپالەتلىك مۇقىم مۈلۈك قىلىپ بېكىتىلمىگەنلىكى ۋە ھەربىي ئەسلىھەگە يېقىنلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، گوشىننىڭ زاۋۇت قۇرۇلۇشىغا قانداق تەدبىر قوللىنىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئامېرىكا چەتئەلگە مەبلەغ سېلىش كومىتېتىدىن جاۋاب بېرىشىنى سورىغان.