خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولىنىڭ چەرچەن بۆلىكىدە ئىش باشلاندى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يېڭى تۆمۈر يول لىنىيەلىرىنىڭ بىرى بولغان خوتەن-چارقىلىق تۆمۈريولىنىڭ چەرچەن بۆلىكىدە رېلىس ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشى 7-سېنتەبىردە باشلاندى.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 7-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 825 كىلومېتىر بولۇپ، 22 مىليارد سوم (تەخمىنەن ئۈچ مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇقراق) مەبلەغ سېلىنغان. مەزكۇر بۆلەك چەرچەن ناھىيىسىدىن كېرىيە ناھىيىسىگىچە بولغان ئارىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ بۆلەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 535 كىلومېتىر بولۇپ، 2022-يىلى قاتناش باشلىنىدىكەن. مەزكۇر لىنىيە بىۋاسىتە گۇلمۇد-كورلا لىنىيەسىگە ئۇلىنىدىغان بولۇپ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇدۇللا ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

خەۋەردە ئۇيغۇرلارنىڭ قاتناش ئىشلىرىغا قۇلايلىق ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنچە كۆپ مەبلەغ سېلىپ تۆمۈر يول ياسىغانلىقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. شۇنداقلا بۇنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» ئۈچۈنمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئېيتىلغان. مۇشۇ ئەھۋالغا قاراپ بىر قىسىم ئانالىزچىلار بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار دىيارىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشتىكى نوپۇس كۆچۈرۈش ۋە بايلىق يۆتكەش ئېھتىياجىنى كۆزلەۋاتقان قۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرىدۇر. ئامېرىكادىكى مۇستەقىل كۆزەتكۈچى ئېلشات ھەسەن بۇ توغرىسىدا توختىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ياسىغان ھەر بىر تۆمۈر يول لىنىيەسى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بوينىغا سېلىنغان بىر سىرتماق. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئۈزۈل-كېسىل خىتاي مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇش نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشماقتا» دېدى.