ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەتلىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى ئ‍ەندىشىلىرىنى ئىپادىلىگە

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش قىلمىشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن بۇنىڭغا ئاۋاز قوشىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى. ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەتلىرىمۇ يېقىندىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى «ئېغىر ئەندىشىلىرى» نى ئاشكارا ئىپادىلەشكە باشلىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 9-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تاشقىي ئىشلار ۋە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىرى شۇ كۈندىكى ۋىدېيو سۆھبىتىدىن كېيىن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا ئېنىق قىلىپ: «بىز شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن بەكمۇ قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ھوقۇقى بېرىشكە چاقىرىمىز،» دېيىلگەن.

بېيجىڭ دائ‍ىرىلىرى تېزدىن بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇنىڭ «خىتاي تەھدىتى» تىياتېرىنىڭ قايتىدىن ئوينىلىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. بولۇپمۇ خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بۇنى «بىزنىڭ ئىچكىي ئىشىمىزغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق،» دېگەن.

ھالبۇكى، ئاۋسترالىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مارىسە پاينې خانىم بۇ يىل مارت ئېيىدا ئېلان قىلىنغان ئاۋسترالىيە-يېڭى زاللاندىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بىرلەشمە باياناتىدا ئالىقاچان بۇ مەسىلىنى بىر قېتىم تەكىتلىگەن. باياناتتا: «2018-يىلىدىن بۇيان شىنجاڭدا تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتقان لاگېرلار ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىزنى بىئارام قىلماقتا،» دېگەن ئىدى.