خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا «ياتاقلىق مەكتەپ» تۈزۈمىنى ئومۇملاشتۇرماقتا

مۇخبىرىمىز سادا
2019.07.17

ئۇيغۇر دىيارىدىن ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەر جازا لاگېرلىرىغا سولانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان مەزگىلدە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى يېزا-بازار رايونلىرىدا «ياتاقلىق مەكتەپ» تۈزۈمىنى ئومۇملاشتۇرماقتىكەن.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 17-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى «ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇش ئۆلچىمى» ھەققىدە بىر ئۇقتۇرۇش تارقاتقان. ئۇقتۇرۇشتا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى يېزا-بازارلىرىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرنى قۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك تېزلەشتۈرۈش نىشان قىلىنغان.

ئۇقتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، باشلانغۇچنىڭ 1-3-يىللىقىغىچە بولغان بالىلار مەكتەپ ياتىقىدا ياتماي ئۆيىدىن قاتناپ ئوقۇسا بولىدىكەن. 4-6-يىللىققىچە بولغان بالىلاردىن شارائىتى يار بەرگەنلەر ياتاقتا يېتىپ تۇرۇپ ئوقۇسا بولىدىكەن. تولۇقسىز ئوتتۇرىدا ئوقۇيدىغانلار چوقۇم مەكتەپ ياتىقىدا يېتىشى كېرەك ئىكەن.

خەۋەردە ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ ئىچىدە ئوقۇتۇش بىناسىدىن باشقا يەنە ھەرخىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدىغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تولۇق ئەسلىھەلەنگەن بىر جاي ئىكەنلىكى دېيىلگەن.

يېقىندا ب ب ك تورى ئېلان قىلغان بىر ۋىدىيولۇق خەۋەردە نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنى

سىغدۇرالايدىغان ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ جازا لاگېرلىرىنىڭ يېنىغا سېلىنغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا ئۆتكەن مەزگىلدە ۋىكە تورىنىڭ مۇخبىرى ئىسابىل يوڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قەشقەر ۋە خوتەن شەھىرىدە زىيارەتتە بولغان. بۇ جەرياندا يەسلى ۋە باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ شەنبە-يەكشەنبىدىمۇ ئۆيىگە قايتمايدىغانلىقىنى كۆرگەن. تەھلىلچىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئىسابىل يوڭنىڭ رايوندا كۆرگەنلىرى ئەمەلىيەتتە يۇقىرىدا دېيىلگەن «باشلانغۇچنىڭ 1-3-يىللىقىغىچە بولغان بالىلار مەكتەپ ياتىقىدا ياتمىسىمۇ بولىدۇ» دېگەن مەزمۇنغا قارمۇ-قارشى كېلىدىكەن.

ئانالىزچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ياتاقلىق مەكتەپ تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى بىر جەھەتتىن ئۇيغۇر ئائىلىلەرنى پارچىلاش بولسا، يەنە بىر جەھەتتىن ئۇيغۇر بالىلىرىنى كىچىكىدىن باشلاپلا ئۆز مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشقا قاراپ يۈزلەندۈرۈشنىڭ بىر يوشۇرۇن ئۇرۇنۇشىدۇر، دەپ تەخمىن قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.