يېقىندا ئامېرىكادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولغان يېل (Yale) ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى ماكمىللان مەركىزىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەتقىقاتى پىروگراممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇنى ھەققىدە بىر دوكلات ئېلان قىلدى.
مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر ئادۋوكات رەيھان ئەسئەتنىڭ «X» تە دېيىشىچە، بۇ تەتقىقات دوكلاتىدا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قامىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاز دېگەندىمۇ 4 مىليون 400 مىڭ يىللىق جۇغلانما ھاياتىدىن ئايرىيدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇلارنى گۈللەنگەن مەدەنىيەت مەۋجۇتلۇقىدىكى ھەر قانداق پۇرسەتتىن مەھرۇم قالدۇرىدىغانلىقى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللەت بويىچە كەڭ كۆلەملىك تۈرمىگە سولاش، خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش، دۇنيادا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان قاتتىق جازا بېرىش ۋە سىستېمىلىق زۇلۇم قىلىش ئۈچۈن ھاكىممۇتلەق قانۇننى قانداق شەكىلدە قورال قىلغانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنغان ئىكەن.
ئادۋوكات رەيھان ئەسئەت «X» تىكى سۆزىدە، مۇستەبىت دۆلەتلەردە قانۇنلارنىڭ پەقەت ۋەھشىيانە جىنايەتلەرنى قانۇنلاشتۇرۇشتەك ئىستراتېگىيەلىك مەقسەت ئۈچۈن لايىھەلىنىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن، شۇنىڭدەك بۇ دوكلاتنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەسىرى ئاستىدا بۇ زۇلۇمغا پەقەت تاماشىبىن بولۇپ قاراپ تۇرۇۋاتقان «جەنۇبىي يېرىم شار» دىكى دۆلەتلەر ئۈچۈن ئويغىنىش چاقىرىقى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.