ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئالدىنقى ھەپتە «شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر» ھەققىدە يەنە بىر قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان. ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ مەزكۇر يىغىندا ئامېرىكاغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى «زامانىۋى قۇللۇق» بىلەن ئەيىبلىگەن.
خەلقئارادا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە لاگېرلارغا سولاپ، ئۇلارنى سىسىتېمىلىق ھالدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەيبلەشلەر يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئامېرىكانى «زامانىۋىي قۇللۇق» بىلەن ئەيبلىشى كۆزەتكۈچىلەرنڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان.
شۈ گۈيشياڭ مەزكۇر يىغىندا يەنە مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكانىڭ ‹شىنجاڭدا كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرى ئەمگەك مەۋجۇت› دېيىشى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەمگەك شارائىتىغا ماس كەلمەيدۇ. بۇ غەربتىكى بىر قىسىم دۆلەت ئورگانلىرى ئويدۇرۇپ چىقارغان ‹يالغانچىلىق› تۇر.»
ئاۋسترالىيە ئىستىراتېگىيىلىك سىياسەت تەتقىقات مەركىزى ئۆتكەن يىلى 3-ئايدا بىر دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر دوكلاتتا خىتايدا ئۇيغۇرلارنى قۇل ئىشچى قىلىپ ئىشلىتىش مەسىلىسىگە چېتىلىدىغان 82 داڭلىق ماركانىڭ تىزىملىكى كۆرسىتىلگەن. دوكلاتتا يەنە 80 مىڭ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچىنىڭ خىتاينىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىدىكى 30 زاۋۇتتا مەجبۇرىي ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.
ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى 2021-يىلى خىتاينىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە چىېتىشلىق ئىكەنلىكى ئېنقلانغان مەھسۇلاتلارغا قارىتا چىقارغان تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى ئالتە قېتىمغا يەتكەن. مەزكۇر مىنىستىرلىق بۇ يىل 24-ئىيۇن كۈنى «شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان كىرىمنېيلىق مەھسۇلاتلارنى تۇتۇپ قىلىش بۇيرۇقى» نى ئېلان قىلغان ئىدى.