ھەپتىلىك خەۋەرلەر (1-ئىيۇندىن 7-ئىيۇنغىچە)

مۇخبىرىمىز سادا
2019-06-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى د ئۇ ق غا تەقدىم قىلىنغان «دېموكراتىيە مۇكاپاتى» نى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2019-يىلى 4-ئىيۇن، ۋاشىنگتون.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى د ئۇ ق غا تەقدىم قىلىنغان «دېموكراتىيە مۇكاپاتى» نى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2019-يىلى 4-ئىيۇن، ۋاشىنگتون.
RFA

دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ 2019-يىللىق «دېموكراتىيە مۇكاپاتى» د ئۇ ق غا بېرىلدى

دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ يىللاردىن بېرى تارقىتىپ كېلىۋاتقان «دېموكراتىيە مۇكاپاتى» 2019-يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خىتايغا ياردەم تەشكىلاتى، تىبەت ھەرىكىتى ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئۈچ تەشكىلاتقا بېرىلدى.

بۇ يىللىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى 4-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى، ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىدىكى ئۈچىنچى نومۇرلۇق شەخس نەنسىي پېلوسى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن ئېلىزابېت چېنېي، جاكۇئىن كاسترو، مايك مەككائۇل، جىم مەكگوۋېرىن قاتارلىقلار قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.

بۇ يىللىق «دېموكراتىيە مۇكاپاتى» نى تاپشۇرۇۋالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆز قىلىپ، «بۇ مۇكاپاتنىڭ بىزگە بېرىلىشى ئۇيغۇرلارنى خەلقئاراغا ئىزچىل ‹تېررورچى› دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېرىلگەن بىر جاۋاب،» دېدى.

نەنسىي پېلۇسى: «ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقىنى مەدەنىيەتلىك ئىنسانلار قىلىدىغان ئىش ئەمەس»

4-ئىيۇن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «تىيەنئەنمېننىڭ 30-يىلى: خىتايدىكى باستۇرۇشنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنى قايتا باھالاش» ناملىق بىر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىلدى.

يىغىنغا قاتناشقان ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ئەربابلاردىن يىغىن رىياسەتچىسى جېيمىس مىكگوۋېرن، كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو روبىيو ۋە توماس سوئۇزى، ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى كرىستوفېر سىمىت قاتارلىقلار خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېغىر زۇلۇم سىياسىتىنى ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويدى.

مەزكۇر يىغىنغا يەنە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلۇسى خانىممۇ گۇۋاھلىق بەرگۈچى سۈپىتىدە قاتناشتى. ئۇ بايانلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ، «ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقىنى مەدەنىيەتلىك ئىنسانلار قىلىدىغان ئىش ئەمەس،» دېدى.

دۇنيانىڭ ھەرقايسىي جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بىرلىكتە بۇ يىللىق روزا ھېيتنى تەبرىكلىدى

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى بۇ يىللىق روزا ھېيتنى ئېغىر قايغۇ ئىچىدە كۈتۈۋالدى.

4-ئىيۇن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن روزا ھېيت نامىزىغا ۋاشىنگتون شەھىرى، ۋىرجىنىيە ۋە مارىيلاند شىتاتلىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قاتناشتى. جامائەت ھېيت خۇتبىسىدىن كېيىن بىرلىكتە ۋەتەندىكى لاگېرلارغا قامالغان كىشىلەرگە ئەركىنلىك ۋە ھۆرلۈك تىلەپ دۇئاغا قول كۆتۈردى.

ئامېرىكادىن باشقا يەنە تۈركىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، گېرمانىيە، شىۋېتسىيە، گوللاندىيە، ئاۋستىرالىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىمۇ بىر يەرگە يىغىلىپ، بىرلىكتە ھېيت نامىزى ئوقۇدى ۋە ئۆز-ئارا ھېيتلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتىنى تولۇق نامايان قىلدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالاھىدە ئەلچىسى سام بروۋنبەك: «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان ۋاقتى كەلدى»

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالاھىدە ئەلچىسى سام بروۋنبەك روزا ھېيت كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينى ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلانى قويۇپ بېرىشكە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سام بروۋنبەك سۆزىدە نۆۋەتتە «ساقچى دۆلىتى» دە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ چوقۇم ئۈمىدۋار بولىشىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دائىم ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە ئىنكاسسىز تۇرۇۋاتقان مۇسۇلمان ئەللىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا چاقىردى.

«ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ساھىبخانىلىقىدىكى «خىتايدىكى ياۋۇزلۇقلارغا قارشى تۇرايلى: ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بوھرانغا دۇنيانىڭ ئىنكاسى» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 6-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر يىغىنغا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى مىنىستىرى راندال شرايۋېر، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى كرىستوفېر سىمىس ۋە دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ رەئىسى كارل گېرشمان قاتارلىقلار ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى.

بۇ ھەپتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بۇنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.

تولۇق بەت