ھەپتىلىك خەۋەرلەر (23-دېكابىردىن 29-دېكابىرغىچە)

2017-12-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچە ۋىۋىسكىلار مەنئى قىلىنماقتا

بۇ يىلنىڭ كۈز پەسلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپ ساھەسىدە ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىنىشىغا ئەگىشىپ نۆۋەتتە ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچە ۋىۋىسكىلارنىڭمۇ سودا-تىجارەت ساھەسىدە چەكلىنىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.

يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدىكى يەرلىك تىجارەتچىلەرنىڭ دۇكانلىرىغا خىتايچىدىن باشقا يېزىقتا يېزىلغان ۋىۋىسكا ئېسىشقا بولمايدىغانلىقى مەلۇم بولدى. بازار باشقۇرۇش دائىرىلىرى كۈنەس ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچە ۋىۋىسكىلارنى مۇسادىرە قىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇنىڭدىكى سەۋەب ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىدى. 

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ ھادىسىنى تەنقىدلەپ، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى، دەپ كۆرسەتتى.

مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقى خاتىرىلەندى

22-دېكابىر كۈنى ئىستانبۇل شەھىرىدە مەرھۇم دىنىي ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىدا سەركىلىك رولىنى ئويناۋاتقان شەخسلەرنىڭ بىرى بولغان ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» قاتارلىق بىر قاتار ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان شۇنىڭدەك مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ كېڭىيىشىگە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان.

مۇراسىمدا مەرھۇمنىڭ دوستلىرى، مەسلەكداشلىرى ۋە شاگىرتلىرى ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئىش-ئىزلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن قىلغان خالىس خىزمەتلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر قوراللىقلىرى ھەققىدىكى سەپسەتىسىگە كۈچلۈك رەددىيە بېرىلدى

سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر قوراللىقلىرى مەسىلىسى ئىزچىل تۈردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئاتلىرىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورچى ئىكەنلىكى» نىڭ بىر ئىسپاتى سۈپىتىدە يەر ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرى يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ نەق مەيدان تەكشۈرۈشى ئاساسىدا يېزىپ چىققان زور ھەجىملىك ماقالىسى خىتاينىڭ بۇ سەپسەتىسىگە قاتتىق رەددىيە بەردى.

ماقالىدا ئاپتور بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىردەك خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ئۆچمەنلىك سەۋەبىدىن سۈرىيەدە ئۇرۇش سېپىگە قېتىلىپ قالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ «ئىسلامى جىھاد» ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇش ئارزۇسىدا يۈرۈۋاتقانلىقىنى يازىدۇ.

ئامېرىكىدىكى خىتاي زىيالىيسى خۇ پىڭ بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «ئۇيغۇرلار ئىلگىرى مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ باققان بولغاچقا، ئۇلار ھېچقاچان ئۆزلىرىنى خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر ئەزاسى دەپ ھېسابلىمايدۇ،» دېدى. 

نامان باۋۇدۇننىڭ خىتايغا بولغان «ساداقەتمەن» لىك تارىخى ئەسقاتمىغان

كورلا شەھىرىدىكى سابىق كەنت سېكرېتارى نامان باۋۇدۇن ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ساداقەتمەنلىكى ھەمدە بىر خىتاي بالىنى بېقىۋېلىش ئارقىلىق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى» دېگەن نامنى ئالغان بولۇشىغا قارىماي، يېقىندا «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» نىڭ بىرىگە ئاپىرىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ «قىزىل تەشۋىقات نەمۇنىچىسى» بولغان ئايالى بۇ يىل 10-ئاينىڭ بېشىدا قاماققا ئېلىنغان. ساقچىلىققا ئورۇنلاشقان قىزى بولسا ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىزمەتتىن ھەيدەلگەن.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا ئۇ ئۆزىنىڭ ئائىلە بويىچە كومپارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكىنى، ئەمما شۇنداق تۇرۇپمۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ سىياسىي بوران-چاپقۇندىن ئامان قالمىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. 

د ئۇ ق نىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىرى تۈركىيەدە ئاممىۋى پائالىيەتلەردە بولدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 23-دېكابىر كۈنى ئىستانبۇلدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نۆۋەتتىكى خىزمەتلىرى ۋە يېقىن كەلگۈسىدىكى پىلانلىرى توغرىلىق ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا ۋە ئۇيغۇر جامائىتىگە مەلۇمات بەردى.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئەكرەم ئۆز مەلۇماتىدا قۇرۇلتاينىڭ بۇندىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

د ئۇ ق رەھبەرلىرى يەنە شۇ قاتاردا تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن «تۈرك ئوجاقلىرى» نى زىيارەت قىلدى. شۇنىڭدەك ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى خىزمەت ھەمكارلىقى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى. 

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قېلىشى مۇھاكىمە تېمىسى بولماقتا

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى قانداق ساقلىشى شۇنىڭدەك بۇنىڭغا يوشۇرۇنغان تۈرلۈك سەۋەبلەر ۋە نەتىجىلەر ھەققىدە يېقىندا بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى پىكىر قىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سۆھبەت جەريانىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكى، چەتئەللەردە تۇغۇلغان ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنىڭمۇ شەخس سۈپىتىدە ئۇيغۇر بولۇپ ياشاش ھەمدە ئۇيغۇرلارغا خىزمەت قىلىشنىڭ مۇمكىنلىكى ھەققىدە جانلىق پاكىتلار كۆرسىتىلدى.

بۇ ھەقتە مۇھاجىرەتتىكى زىيالىيلار بىردەك «ئائىلە، جەمئىيەت ۋە ئۇيغۇر جامائىتى زىچ ھەمكارلاشسا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش پۈتۈنلەي مۇمكىن ئىكەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈردى.

تولۇق بەت