29-مارت سەيشەنبە كۈنى تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ كارخانىچىلار ئۇيۇشمىلىرىدىن بىرى بولغان مۇستەقىل سودا-سانائەتچىلەر ئۇيۇشمىسى قەيسەرى شۆبىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، شۇنداقلا تۈركىيەدىكى بولۇپمۇ قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. يىغىنغا مۇستەقىل سودا-سانائەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ قەيسەرى شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى نەدىم ئورگۇنخارپۇتلۇ رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، يىغىندا مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزالىرى بىلەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ قەيسەرىدە كەسىپ ئەھلى بولۇپ خىزمەت تېپىشى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىپ، كونكرېت پىلانلار تۈزۈلگەن.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇسىئات قەيسەرى شۆبىسى باشلىقى نەدىم ئورگۇنخارپۇتلۇ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بىز مۇسىئات يەنى مۇستەقىل سودا-سانائەتچىلەر جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا قانداق ياردەم قىلالايمىز دەپ، بۇ ھەقتە بىر دوكلات بېرىشنى تەلەپ قىلدۇق. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ قەيسەرىگە قانداق، قاچان كەلگەنلىكىنى ئاڭلاتتى. بىز قەيسەرىگە كېيىن كەلگەن ئۇيغۇرلارغا قانداق ياردەم قىلالايمىز، ئۇلارنى مۇزاكىرە قىلدۇق. تۇنجى قەدەمنى تاشلىدۇق، بۇندىن كېيىن بۇ ھەقتە خىزمەت قىلىشقا داۋام قىلىمىز.»
ئۇ، «مۇساپىر ئۇيغۇرلارغا قانداق ياردەم قىلىش توغرىسىدا پىلانىڭلار بارمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «مۇسىئات ئەزالىرى مىللەتچى دىندار كىشىلەر. ئۇ يەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنى ئۆز قېرىندىشىدەك كۆرۈپ، كۈنلۈك ياردەم ئەمەس، ئۇزۇن مۇددەتلىك ياردەم ۋە ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشنى ئويلاۋاتىمىز. بەلكى ئۇلارغا ھۈنەر ۋە كەسىپ ئۆگىتىمىز. ھازىر مۇساپىر ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە يېزا ئىگىلىك ياكى چارۋىچىلىق مەيدانى قۇرۇشنى ئويلاۋاتىمىز. قەيسەرىگە كەلگەن مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تۇرمۇشىنى قامدىيالايدىغان ھالغا كېلىشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز.»
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى مۇستەقىل سودا-سانائەتچىلەر جەمئىيىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بەرگەندىن سىرت، تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارغا قانداق ياردەم قىلىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلدى.
سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى مۇستەقىل سودا-سانائەتچىلەر ئۇيۇشمىسى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، بۇ بىرىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا كونكرېت مەسىلىلەر توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا ئىشلەش رۇخسىتى بېرىلسە، خىزمەت تېپىشىغا بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
مۇستەقىل سودا-سانائەتچىلەر ئۇيۇشمىسى 1991-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، پۈتۈن تۈركىيەدە 17 مىڭ ئەتراپىدا سودىگەر، كارخانىچى ئەزا ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە زاۋۇتىدا 10 مىڭ ئەتراپىدا ئىشچى ئىشلىتىۋاتقان كارخانىچىلارمۇ مەۋجۇت ئىكەن.