ئانالىزچىلار: خىتاينىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت سىياسەتلىرى يامان سىياسىي غەرەزدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئالدامچىلىق سىياسىتىدۇر

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2013.09.12
chongqurchaq-oysiz-namrat-305.png چۇڭقۇرچاقتىكى نامراتلىق
RFA

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت سوممىسى ھەققىدە ئېلان قىلغان مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلىنىشىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىرغا قەدەر نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىغان، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار، دۆلەتنىڭ قۇتقۇزۇش پۇلىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلار ئىككى مىليون 300 مىڭغا يېتىدىكەن. ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر، بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش ئۇيغۇر ئېلىنى ئېچىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلۇپ، تېخىمۇ نامراتلىققا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بېرىدىغان ئېغىر بىر مەسىلە دەپ مۇلاھىزە قىلماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق، مۇخبىرىمىزنىڭ سىياسىي ئانالىزچى مەمەت توختى ئەپەندى بىلەن بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.