نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز ئانا تىلىنى ساقلاپ قىلىشقا تىرىشماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.01.20
jumhuriyet-kuni-2012-norwegiye-385.jpg ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش كۈنىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر. 2012-يىلى 12-نويابىر، نورۋېگىيە.
RFA/Aygul Yusup

2012-يىلى نورۋېگىيەدە ئېچىلغان ئۇيغۇر ئانا تىل سىنىپى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىر مەزگىل توختاپ قىلىپ، نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى ئارقىسىدا ئۆتكەن يىلى 10-ئايدىن باشلاپ ئوسلو شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدە يەنە قايتىدىن رەسمىي دەرس باشلىغان.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مائارىپچى نېغمەت تۇرسۇن ھاجىم ئۇيغۇر ئانا تىل سىنىپىنىڭ يەنە قايتا ئېچىلىش ھەققىدە توختالدى.

نېغمەت تۇرسۇن ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە مەزكۇر سىنىپتا 25 تىن 30 غا قەدەر ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئۆز ئانا تىلىدىن ئەتراپلىق ساۋاق ئالماقتا ئىكەن.

ئوسلودىكى كەڭ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىن قوللىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىش سىنىپىدا تېخى يېقىندىلا مەزكۇر سىنىپىنىڭ بىر پەسىللىك ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى خۇلاسىلەش يۈزىسىدىن ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، نېغمەت تۇرسۇن ھاجىم مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.

مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىدىن بىرى بىزگە ئۇيغۇر تىلىدا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى.

ئوسلودىكى ئۇيغۇر ئانا تىلىنى سىنىپىغا ئوقۇشقا بېرىش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولالمايۋاتقان باشقا چەت شەھەرلەردىكى ئۇيغۇرلاردىن، ئائىلىسىدە ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىن تولۇق ساۋات چىقىرىشىغا ياردەمدە بولۇۋاتقان، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئۇيغۇر ئانىلاردىن بىرى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەسىراتىنى بايان قىلدى.

ئاخىرىدا نېغمەت تۇرسۇن ھاجىم ئۇيغۇر ئانا تىل سىنىپىدا ھەر قايسى دەرسلەردىن خالىسانە ساۋاق بېرىۋاتقان پىداكار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئالىيجاناب روھى ھەققىدە، شۇنداقلا ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىل سىنىپىنىڭ كەلگۈسى پىلانلىرى توغرىسىدا قىسقىچە توختالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.