تۈركىيەدە مەرھۇم مەمەت قاسىم جانتۈركنى خاتىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر مىللي دەۋاسىنىڭ تۈركىيەدىكى پېشقەدەم كۈرەشچىلىرىدىن مەرھۇم مەمەت قازىم جانتۈرك ۋاپاتىنىڭ 3-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قەيسەرىدە خاتىرلەش ئپائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. خاتىرلەش پائالىيىتىگە قەيسەرى ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىسمەت تانقۇش ئەپەندى، سابىق پارلامېنت ئەزاسى سەيفى شاھىن ئەپەندى، قەيسەرىدىكى تۈرك ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، قەيسەرىدىكى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى، تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئىستانبۇل، ئەنقەرە، قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ، جەمئىي 300 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

خاتىرىلەش پائالىيىتى «شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى» بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن مەرھۇم مەمەت قاسىم جانتۈرك ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر شېھىتلىرىنىڭ رۇھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋىتى ھەمدە دۇئالار ئوقۇلدى. ئارقىدىن تۈركىيە شەھەرچىلىك مىنىستىرى مەمەت ئۆزھاسەكى، پارلامېنت ئەزاسى يۈسۈپ خالاچوغلۇ قاتارلىق سىياسىيونلارنىڭ بۇ قېتىملىق خاتىرلەش يىغىنىنى تەبرىكلەپ ئەۋەتكەن تېلېگرملىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. ئارقىدىن مەزكۇر خاتىرلەش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغان قەيسەرى ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىسمەت تانقۇش ئەپەندى، قەيسەرى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەت چايىرداغ ئەپەندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندىلەر ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

ئىسمەت تانقۇش ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقىنى مۇنداق باشلىدى: «قىممەتلىك يىغىن ئەھلى، شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز، خانىملار ۋە ئەپەندىلەر، بۇ مەنىلىك پائالىيەتتە بىزنى يالغۇز تاشلاپ قويمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈرك دۇنياسىنىڭ قانىغان يارىسى. بىز خاتىرلاۋاتقان مەمەت قاسىم جانتۈرك ئاكىمىزمۇ خىتاينىڭ زۇلمى تۈپەيلى يۇرتىدىن ئافغانىستانغا، ئۇ يەردىن 1965-يىلى تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن كىشى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئېلىپ بارغان بىر شەخس. مەرھۇم ئەرەپ ۋە فارس تىلىنى ياخشى بىلگەچە تەپسىر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا كۆپلىگەن ماقالىلارنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۈگۈن مەرھۇمنى ھۆرمەت بىلەن بىلەن خاتىرلاۋاتىمىز. مىللىتى ۋە ۋەتىنىگە خىزمەت قىلغان كىشىلەرنى خاتىرىلەش بىزنىڭ مىللىي بۇرچىمىزدۇر.»

بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان قەيسەرى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەت چايىرداغ ئەپەندى قەيسەرىدە قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇرلار ياشاپ كەلگەن بىر جاي ئىكەنلىكىنى، شۇڭا مەمەت قاسىم جانتۈركنىڭ قەيسەرى خەلقىنىڭ قەلبىدە ئالاھىدە ئورنى بارلىقىنى، ئۇيغۇر دەۋاسىنى قەيسەرى خەلقىگە تونۇتۇشتا زور تۆھپە قوشقانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەمەت قاسىم جانتۈرك ئاكىمىز پۈتۈن ئۆمرىنى ۋەتىنىنىڭ ئەركىنلىكىگە ئاتىغان كۈرەشچى ئىدى. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك لىدىرى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستاندا كۈرەش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن قەيسەرىگە كېلىشكە مەجبۇر قالغان. قەيسەرى تارىخىدا ھەر دائىم ئۇيغۇرلار ياشاپ كەلگەن. مەسىلەن، ئىلخانلى سۇلالىسى مەزگىلىدە بۇنياندا چوڭ مەسچىت سالدۇرغان ۋالى زاھىرەتتىن مەخمۇت ئۇيغۇر ئىدى. 13-ئەسىردە قەيسەرىدە قۇرۇلغان ئەراتنا دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالائىددىن ئەراتنا ئۇيغۇر ئىدى. قەيسەرىدە ئۇلار ياساتقان كۆپ ساندا تارىخىي قۇرۇلۇشلار بار. مەرھۇم مەمەت قاسىم جانتۈرك ئەپەندىمۇ تارىختا ئۇيغۇرلار ياشىغان بۇ يەرگە كېلىپ ئۆز دەۋاسىنى داۋاملاشتۇردى.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن نۇتۇق سۆزلىگەن ئۆمەرقانات ئەپەندى بۇ پائالىيەتكە ساھىپخانلىق قىلغان كىشىلەرگە رەھمەت ئېيىتتى. ئۇ، ئۇيغۇرلار ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان مەرھۇم مەمەت قاسىم جانتۈركنى خاتىرلەشنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا جەمىي 9 كىشى سۆز قىلدى. 50 يىلغا يېقىن مەرھۇم مەمەت قاسىم جانتۈرك ئەپەندى بىلەن بىللە ياشىغان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ھامىدخان گۆكتۈرك ئەپەندىنىڭ دوكلاتى كىشىلەرنىڭ دىققىنى تارتتى. ئۇ، دوكلاتىنى تۈركچە بەردى. دوكلاتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەمەت قاسىم جانتۈرك ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىنى ئۇيغۇرچە سۆزلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدۇق. ئۇ، مەمەت قاسىم جانتۈركنىڭ 1925-يىلى تۇغۇلغانلىقىنى، ياشلىق يىللىرىنى شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزگەنلىكى بايان قىلدى.

ھامىدخان گۆكتۈرك ئەپەنى، مەرھۇم مەمەت قاسىم جانتۈرك ئەپەندىنىڭ قەيسەرى ۋىلايىتىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تونۇلىشىغا زور تۆھپە قوشقانلىقىنى، ئەرەپچە-پارىسچىنى ياخشى بىلىدىغان دىنىي ئىلىملەر مۇتەخەسسىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

مەرھۇم مەمەت قاسىم جانتۈرك ئەپەندىنى خاتىرلەش پائالىيىتىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. ئۆمەر قانات ئەپەندى تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئەڭ قېيىن بىر مەزگىلدە مەمەت قاسىم جانتۈرك ئەپەندىنىڭ قېيىنچىلىقلارغا قارىماستىن ھارماي-تالماي شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئاڭلاتقان مۇھىم بىر شەخىس ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

قەيسەرى ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەرھۇم مەمەت قاسىم جانتۈرك ئەپەندىنى خاتىرلەش يىغىنىدا بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ دوكلات بەردى. بۇلاردىن سىرت، زالنىڭ كىرىشىدە مەرھۇم مەمەت قاسىم جانتۈركنىڭ ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان رەسىم كۆرگەزمىسىمۇ ئېچىلغان بولۇپ، كۆرگەزمىگە ئۇنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيەتلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن 150 پارچىدەك رەسىم قويۇلغان. يىغىن جەريانىدا ئۇيغۇر سەنئەتچى ئابدۇللاھ كۆسەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ناخشىلىرىدىن ئۆرنەكلەر ئورۇنلىدى. مۇجاھىت قەشقەرلى شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا مەرھۇم مەمەت قاسىم جانتۈركنىڭ ئوغلى قۇلئەھمەت جانتۈرك جامائەتكە تەشەككۈر نۇتقى سۆزلىدى.