چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار: «خىتاي ساقچىلىرى بىزگە تەھدىت سالماقتا»‏

0:00 / 0:00

رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن نۆۋەتتە تۈركىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن بۇ دۆلەتلەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتلىرىدىكى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلارغا قامالغانلىقى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ داۋاملىق تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنى يۇرتىغا قايتىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ھەتتا بەزى ساقچىلار چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا شەرت قويۇپ، ئەگەر ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىشلەپ بەرسە لاگېرلارغا قامالغان قېرىنداشلىرىنىڭ تۇتقۇندىن ئازاد بولىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرى بىلەن ھەمكارلاشمىسا ئۇلارنىڭ ۋەتەندىكى ئاتا-ئانا ۋە باشقا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارغا تەھدىت سالغان.

تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن مەمەت ئابدۇخالىق ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2016-يىل 10-ئايدا تۈركىيەگە ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەندىن بۇيان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تېلېفون ئارقىلىق قىلغان پاراكەندىچىلىكى ۋە تەھدىتلىرىگە ئۇچرىغان.

مەمەت ئابدۇخالىق ئەپەندىنىڭ بايانىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى تۇرۇشلۇق خوتەن شەھىرىدىكى ناۋاغ ساقچىخانىسىنىڭ خادىملىرى 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ كۆپ قېتىم ئۇلارنىڭ خوتەندىكى ئۆيىگە كېلىپ ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭغا تېلېفون قىلغان. ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى ئوقۇشىنى تاشلاپ خوتەنگە قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلغان. مەمەت ئابدۇخالىق يۇرتىغا قايتىپ بارمىغاندىن كېيىن 2017-يىلىنىڭ بېشىدا ساقچىلار ئۇنىڭغا يەنە ئۈندىدار ئارقىلىق ئۇچۇر يوللاپ، ئۇنىڭ سەۋەبىدىن ئانىسى گۆھەرنىساخاننىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ ئۆگىنىشكە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.

خىتاي ساقچىلىرىنىڭ مەمەت ئەپەندىدىن قانداق ئۇچۇرلارنى تەلەپ قىلغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ جاۋاب بېرىپ، 2017-يىلى 3-4 ئاي مەزگىلىدە ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكەن خوتەن ناۋاغ ساقچىخانىسىنىڭ ئۇيغۇر ساقچىسى ئۇنىڭدىن 2016-يىلى مىسىردىن تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ بايانىدا ئۆزىنىڭ ساقچىلارغا مىسىردىن تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان. ساقچىلار ئۇنىڭغا ئۆزلىرى بىلەن ھەمكارلاشمىغاننىڭ بارلىق يامان ئاقىۋىتىگە ئۇنىڭ جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، تەھدىت سالغان.

مەمەت ئابدۇخالىق ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلارنىڭ كۆپ قېتىملىق تەھدىتىدىن كېيىن ئۇ ساقچىلارنىڭ داۋاملىق پاراكەندە قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تېلېفوندىكى ئۈندىدار دېتالىنى ئۆچۈرۈۋەتكەن. ئىككى ئايدىن كېيىن باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئانىسى گۆھەرنىساخاننىڭ خوتەندىكى لاگېردىن ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېتىلگەنلىكى، دادىسى ئابدۇخالىقنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنىپ جازا لاگېرىغا قامالغانلىقى، ئاپىسىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن تەخمىنەن 17 كىشىنىڭ خوتەندىكى لاگېرلارغا قامالغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئالغان.

نورۋېگىيەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نېمەتۇللا ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كېلىپ، نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق شەخسىي سالاھىيىتىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ بۇ تەلىپى رەت قىلىنغاندىن كېيىن دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭ يۇرتىدا قالغان ئاتا-ئانا ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرغا قامىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ھەر خىل تەھدىتلىرىگە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە بۇلتۇردىن بۇيان خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردىمۇ خەۋەرلەر بېرىلگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۆز خىزمەتلىرىدە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس دوكلاتلارنى تەييارلاپ، شۇ دۆلەتلەردىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان ئىكەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردىنمۇ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تېلېفون تەھدىتلىرىگە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بۇ ئەھۋاللارنى ئامېرىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇنداق ئەھۋاللارغا ئۇچرىغاندا ئۆزلىرىگە مەلۇم قىلىشىنى ئېيتتى.

ئىلشات ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشى ۋە بېسىملىرىغا قارىماستىن مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا سولىۋېلىشى ۋە ھەتتا ئۇلارنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغىمۇ ھەر خىل تەھدىتلەرنى كۈچەيتىشىگە، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن جىددىي ئەمىلى تەدبىر ئالماسلىقى قاتارلىق ئامىللارنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئەھۋالىنى داۋاملىق ئاڭلىتىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە تەخىرسىزلىكىنى بىلدۈردى.