خىتاينىڭ سابىق ئالاھىدە خادىمى يۈسۈپجان: مېنى ئافغانىستانغا يولغا سېلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدىن بىر پاكىستانلىق ئېلىپ چىقتى
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.02.19
2019.02.19

Yüsüpjan Emet teminligen
خىتاي، ئۆزىنىڭ سابىق ئالاھىدە خادىمى يۈسۈپجاننى ئافغانىستاندا مەۋجۇت دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىغا ئەۋەتىش ئۈچۈن 2016-يىلى كۈنى ئۈرۈمچىدىن پاكىستانغا يولغا سالغان.
يۈسۈپجاننىڭ پاكىستان سەپىرى ئۈستىدە پاكىستانلىق ھاجىم ئىسىملىك بىر تىجارەتچى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان؛ يۈسۈپجاننىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ كىشى بىر تەرەپتىن يۈسۈپجانغا ھېسداشلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇنىڭغا قېچىپ كېتىشنى تەۋسىيە قىلغان؛ يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئۇنى شېرىكلىرى ئارقىلىق ئافغانىستانغا يولغا سالغان.
يۈسۈپجاننىڭ يەنە دېيىشىچە بۇ سىرلىق تىجارەتچى، ئىلگىرىمۇ بىر قېتىم بىر ئۇيغۇرنى ئافغانىستانغا يولغا سېلىش ئۈچۈن چېگرادىن ئېلىپ چىققان ئىكەن.
پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.