بەزى خەلقئارا تېببىي تەشكىلاتلار خىتاينىڭ ئادەم ئىچكى ئورگانلىرىنى كۆچۈرۈش قۇرۇلتىيىنى بايقۇت قىلغان

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ يېقىندا ئېچىلغان «جۇڭگو ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى كۆچۈرۈش مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى» دۇنيا ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش جەمئىيىتى، ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرى كۆچۈرۈشكە قارشى خەلقئارا دوختۇرلار تەشكىلاتى قاتارلار ئورگانلارنىڭ بايقۇت قىلىشىغا ئۇچرىغان.

قۇرۇلتاينىڭ ئېمبارگوغا ئۇچۇرۇشىدا خىتاينىڭ داۋاملىق تېببىي ئەخلاق ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ بولۇپمۇ فالۇنگوڭچىلار ۋە ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرى كۆچۈرۈشنى توختاتمىغانلىقى ئاساسلىق رول ئوينىغان.

مەجبۇرى ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈشكە قارشى خەلقئارا دوختۇرلار تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا تەشكىلاتلارنى 29‏-ئۆكتەبىر خاڭجۇدا ئېچىلغان 3 كۈنلۈك قۇرۇلتاينى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان ئىدى. مەزكۇر ئورگان باياناتىدا، بۇ قۇرۇلتاينىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەسىلىسىدىكى قائىدە -تۈزۈمى تېبابەتچىلىك كەسپىي ۋە ئۇنىڭ غايىسىگە پۈتۈنلەي خىلاپ، دەپ تەكىتلىگەن.

خىتايدا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغان مەھبۇسلار ۋە ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرى ئېلىۋېلىپ كۆچۈرۈش ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈشنىڭ نورمال يولىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچىدە خرىستىئانلار، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، فالۇنگوڭچىلار بارلىقىنى ۋە بۇ ئۇسۇل 15 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەزكۇر ئورگان باياناتىدا يەنە، «خىتاينىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش مەشغۇلاتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش نۆۋەتتە يەنىلا جىددىي ھەم زۆرۈر مەسىلە. بىز كەسپىي تېببىي خادىم بولۇش سۈپىتىدە ئومۇمى يۈزلۈك لەنەتكە مەھكۇم بۇ قانۇنسىز ئىچكى ئورگان تەمىنلەش مەشغۇلاتىغا دەرھال خاتىمە بېرىشكە كۈچ چىقىرىش، مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى كۆچۈرۈش قىلمىشى پۈتۈنلەي توختىغانغا قەدەر خىتاينىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش پائالىيىتىنى قوللىماسلىق بىزنىڭ ئەخلاقىي بۇرچىمىز» دېگەن.

كانادالىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، قەتلىئام» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ئېتان گۇتمان، خىتايدا سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرى ئېلىپ كۆچۈرۈش مەشغۇلاتى ئەڭ بۇرۇن ئۇيغۇر ئېلىدە باشلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر سىياسىي، دىنىي مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىش 1997‏-يىلى 5‏-فېۋرال «غۇلجا ۋەقەسى» دە يۇقىرى پەللىگە چىققان.

ئۇ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى چاقىرغان بىر قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئۈرۈمچى تۆمۈريول دوختۇرخانىسىنىڭ سابىق دوختۇرى ئەنۋەر توختىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: بۇ خىل ئۆلۈم جازاسى سىياسىي مەھبۇسلارغا ئومۇمى يۈزلۈك ئىشلىتىلگەن. ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغانلارنىڭ چېچى نورمالدا چۈشۈرۈۋېتىلسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ چېچى ساقلاپ قېلىناتتى. بىراق ئەنۋەردە دوختۇرلارنىڭ 1997‏-يىلى يۈز بەرگەن غۇلجا ۋەقەسىگە قەدەر سىياسىي، دىنىي مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىپ كۆچۈرگەنلىكىگە دائىر ئىشەنچلىك دەلىل بار، دېگەن.

خىتاينىڭ مەھبۇسلار ئىچكى ئەزاسىنى مەجبۇرى كۆچۈرۈش مەسىلىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىشقا باشلىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى 2013‏-يىلى قارار چىقىرىپ، خىتايدىن مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى ئېلىۋېلىشقا خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى بۇ يىل 8‏-ئايدا ماقۇللىغان 218 ‏-نومۇرلۇق قارارىدا، فالۇنگوڭچىلارنىڭ، ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ۋە باشقا دىنىي ھەم ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەت مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىپ كۆچۈرۈشنى توختىتىشقا چاقىرغان.

21‏‏-ئۆكتەبىر، كانادا پارلامېنتىنىڭ بىر كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرغان. يىغىندا كانادا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى سكوت رېئىد، خىتاينىڭ ئىچكى ئەزا ئۈچۈن سىياسىي ۋە ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى ئۆلتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «ھېچكىم مەسىلىنىڭ خاراكتېرى ۋە كۆلىمىدىن جىددىي رەۋىشتە گۇمان قىلمايدۇ. بۇنىڭدا 'ئىنكار قىلىنىش ئېھتىماللىقى' قالمىدى» دېگەن.

بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئېتان گۇتمان، دەيمون نوتو قاتارلىق پائالىيەتچى، مۇتەخەسسىسلەر گۇۋاھلىق بەرگەن بولۇپ، ئېتان گۇتمان، يېقىنقى 20 يىلدىن بېرى خىتايدا تېبابەتچىلىك ئەخلاقىي قاتتىق ناچارلاشقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ.

ئۇ، كانادا ئاخباراتىغا قىلغان سۆزىدە خىتاي ئۆلۈمگە بۇيرۇغان مەھبۇسلارنى دوختۇرلار ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: بىز خىتايدا ئۆتكەن 20 يىلدىن بۇيان تېبابەتچىلىك ئەخلاقىي قاتتىق ناچارلاشقانلىقىنى كۆردۇق. خىتايدا ئۆلۈم جازاسى ئىزچىل يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەپ كەلدى. خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بارلىقىنى بىز ھەممىمىز بىلىمىز. بۇ يېڭىلىق ئەمەس. لېكىن ئۆتكەن 10-15 يىلدا نۇرغۇن مەخپىي ئۆلۈم جازالىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىر يېڭىلىق. ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغانلار بۇ دىنىي، سىياسىي مەھبۇسلارنى ھەتتا خىتاينىڭ مۈجمەل قانۇنى بويىچىمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىش كەتمەيتتى. لېكىن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىندى. بىراق ئۇلارنى ئۆلۈمگە دوختۇرلار مەھكۇم قىلدى، دېگەن.

نۆۋەتتە، خىتاينىڭ سىياسىي مەھبۇسلار ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرى كۆچۈرۈش مەشغۇلاتى خەلقئارا مەسىلىگە ئايلانغان بولسا، بۇنىڭدا ھازىر ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى، ئۈرۈمچى تۆمۈريول دوختۇرخانىسىنىڭ سابىق دوختۇرى ئەنۋەر توختىنىڭ رولى زور. ئۇ بۇ مەسىلىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان ئاساسلىق گۇۋاھچىلارنىڭ بىرى.

ئۇ، سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى مەجبۇرى ئېلىپ كۆچۈرۈش كېيىن ئۇيغۇرلاردىن فالۇنگوڭچىلارغا ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭدا ئىچكى ئەزاغا ئېھتىياجنىڭ كۆپلۈكى، فالۇنگوڭچىلارنىڭ سانىنى جىقلىقى ۋە تاماكا، ھاراق ئىچمەيدىغانلىقى مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنۋەر توختى مۇنداق دېدى: بۇ بەل بالدۇر باشلانغان، بۇ 1988-90-يىللىرىدىن باشلانغان نەرسە. شۇ چاغدا بىزنىڭ ۋەتەندە شۇنداق پاراڭلار بولاتتى. پالانچىنىڭ بالىسى يىتىپ كېتىپ نەچچە يادىن كېيىن تېپىلىپتىكەن، بىر بۆرىكىنى ئوغرىلاپ كېتىپتۇ، دېگەن گەپلەر بولاتتى. ئۇلار بۇ ئىش بىر ئاز يولىغا كىرگەندىن كېيىن ئۇنى دۇنياغا سېتىشقا باشلىدى. دۇنيادا بۇنىڭغا ئېھتىياج بەك كۈچلۈك بولغاچقا فالۇنگوڭچىلارغا ئۆتتى. فالۇنگوڭچىلارغا ئۆتۈپ كېتىشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، بىزنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇنچە-مۇنچە چېكىپ قويىدۇ، ئىچىپ قويىدۇ. چېكىپ-ئىچكەنلەرنىڭ جىگىرىنىڭ سۈپىتى ئۇنچىلىك ياخشى بولمايدۇ. مۇشۇ ئىككى سەۋەب بىلەن ئۇلار فالۇنگوڭچىلارنى ئاساس قىلىدىغان بولدى. چۈنكى، فالۇنگوڭچىلارنىڭ سانى كۆپ، بىر. ئىككىنچىسى، ئۇلار تاماكا چەكمەيدۇ، ھاراق ئىچمەيدۇ.

دۇنيا ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش جەمئىيىتى بولسا خىتاي ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش قۇرۇلتىيىنىڭ 2013‏-يىلى 11‏-ئايدىكى خاڭجۇ يىغىنىدا بەرگەن ۋەدىسىنى ئىجرا قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ قېتىمقى خاڭجۇ قۇرۇلتىيىنى بايقۇت قىلغان. خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلقى خاڭجۇ قۇرۇلتايغا دۇنيا ئىچكى ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى فرانشىس دېلمونىكا قاتنىشىپ، خىتاي تەرەپ بىلەن «خاڭجۇ خىتابنامىسى» نى ئىمزالىغان.

لېكىن ئەنۋەر توختىنىڭ قارىشىچە، خىتايدا ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش تىجارىتى تەپتىش، سوت، دوختۇرخانا، ئەدلىيە ۋە ھەربىيلەر ئارىلاشقان زور تورسىمان تىجارەت. شۇڭا، ئۇنىڭ ئۇنىڭ دەرھال توختىتىلىشى ئىنتايىن مۈشكۈل بىر مەسىلە.

ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ رەسمىي تور شەكلىدە پۈتۈن خىتايغا تارقىلىپ كەتتى. بۇنىڭغا مەسئۇل بولغان ئەڭ يۇقىرى باشلىقى جاۋ يوڭكاڭ. ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كەتسە جياڭ زېمىنغا تۇتىشىدۇ. بۇ ناھايىتى چوڭ تىجارەتكە ئايلىنىپ كەتتى. ئەمدى كېلىپ بۇنى توختىتىش بۇلارغا تەس كېلىۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ تىجارەتنىڭ پايدىسى ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا، ئوچۇق-ئاشكارا قىلىۋاتقاننى توختاتسىمۇ، يوشۇرۇن قىلىدىغانلار توختىمايدۇ. يەنە بىر سەۋەب شى جىنپىڭ بىلەن جياڭ زېمىن پېتىشالمايدۇ. شۇڭا جياڭ زېمىن قولىدىن كېلىدىغان توسقۇنلۇقلارنى قىلىۋاتىدۇ. مۇشۇ ئىككى سەۋەبتىن ئۇلار 6‏-ئايدا بۇنى توختىتىمىز، دېگەن ۋەدىسىدە تۇرالمىغىنى شۇ.

خىتاي تەرەپ «خاڭجۇ خىتابنامىسى» دا بۇ يىل 7‏-ئايدىن بۇرۇن خىتايدا مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى مەجبۇرى كۆچۈرۈشكە خاتىمە بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. بىراق خىتاي بۇ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغان. چەتئەلدىكى ئاخباراتلار، دۇنيا ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش جەمئىيىتى خىتاينىڭ بۇ يىللىق قۇرۇلتايغا قاتناشمىغانلىقىنى خىتاينىڭ ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىغا باغلاش چۈشەندۈرمەكتە.