1500 نوپۇسلۇق قىرغىز كەنتىدىن 300 دىن ئارتۇق كىشى لاگېردا
2018.11.13

بىز قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى قىرغىز مىللىتىدىن بولغان بىر ساقچى خادىمى چارلوڭ يېزىسىنىڭ پايىز كەنتىدىنلا 300 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، پايىز كەنتى پۈتۈنلەي قىرغىزلار ئولتۇراقلاشقان كەنت بولۇپ، 1500 چە نوپۇسلۇق بۇ كەنتتىن نوپۇسنىڭ ئاز دېگەندە 20 پىرسەنتى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ئىكەن. لاگېرغا ئادەم تۇتۇشتا ئۆزىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان بۇ ساقچى خادىمى كەنتتىن ئېلىپ كېتىلگەنلەرنىڭ ناھىيە بازىرى ئىچىدىكى لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. بۇ خادىم يەنە لاگېردىكىلەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ دىنىي زاتلار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تېلېفونىدىن «چاتاق» چىققان ئاھالىلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. بىز لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلەر ئارىسىدا لاگېردا جان ئۈزگەنلەرنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ ئۆزى مەسئۇل كەنتتىن يوقلۇقىنى، ئەمما باشقا تەۋەلىكلەردىن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلدى.
بىز ئاقتۇ ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تېلېفون قىلىپ، ئاقتۇ ناھىيەسىدىن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن قىرغىز تۇتقۇنلارنىڭ سانىنى سورىغىنىمىزدا تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىم ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتىن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلەر ئارىسىدا يۇلتۇز ئىسىملىك بىر قىرغىز قىزنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئۆتكەن ھەپتىلەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا مەزكۇر ئاكادېمىيەنىڭ قىرغىز تارىخ تەتقىقاتچىسى ئەسقەر يۇنۇسنىڭ يېقىندا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.