24 ياشلىق نۇرىمانگۈل مەمەت بۈگۈردىكى «تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئۆلۈپ كەتكەن

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018-06-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئىلگىرىكى توققۇزاق ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپى ئالدىغا يېڭىدىن سېلىنغان ساقچى پونكىتى. 2017-يىلى ياز.
ئىلگىرىكى توققۇزاق ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپى ئالدىغا يېڭىدىن سېلىنغان ساقچى پونكىتى. 2017-يىلى ياز.
RFA/Abduweli Ayup

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا كەڭ كۆلەملىك «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نى قۇرۇپ، بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى بۇ لاگېرلارغا قامىغانلىقى نۆۋەتتە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بىر مەسىلىگە ئايلانماقتا. ھالبۇكى، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي بۇ جايلارغا قامالغان ئۇيغۇرلاردىن ساق-سالامەت قۇتۇلۇپ چىقىقانلىرى مەلۇم ئەمەس. گەرچە لاگېرلاردا ئارقا-ئارقىدىن ئۆلۈم ۋەقەلىرى يۈز بېرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆلۈم سەۋەبلىرىمۇ تېخى ئايدىڭلاشمىدى.

نۆۋەتتە ياۋروپادا ئوقۇۋاتقان، ئەمما ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇر قىز بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 6 ئايدىن بۇيان بۈگۈردىكى «27-يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» گە قامالغان يىراق تۇغقىنى نۇرىمانگۈل مەمەتنىڭ بىر ھەپتە ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەنلىك ئۇچۇرىنى يەتكۈزدى. ئۇنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ ئۈندىدار چەمبىرىكىدە يەتكۈزگەن ئۆلۈم خەۋىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، 24 ياشلىق نۇرىمانگۈلنىڭ 2 ياشلىق يېتىم ئوغلى ھازىر بوۋىسىنىڭ، يەنى نۇرىمانگۈلنىڭ دادىسىنىڭ قولىغا قالغان. نۇرىمانگۈل تۇتۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ ئاغرىقچان ئاپىسىمۇ «تەربىيەلەش لاگېرى» غا ئېلىپ كېتىلگەن. نۇرىمانگۈلنىڭ ئاپىسى لاگېردا يېرىم پارالىچ ھالغا كېلىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما قويۇپ بېرىلمىگەن، ھەتتا قىزىنىڭ دەپنە مۇراسمىىغىمۇ قاتناشتۇرۇلمىغان. نۇرىمانگۈل تۇتۇلغاندىن بۇيان نۇرىمانگۈلنىڭ خوتەن مىللىي شىپاخانىدىكى يولدىشى مەمەتئېلىدىنمۇ خەۋەر يوق ئىكەن.

ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ ئۆز-ئارا قىلىشقان ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، دائىرىلەر نۇرىمانگۈلنى 2017-يىلى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئۇ ئىشلەۋاتقان خوتەن شەھەرلىك ئۇزۇن يوللۇق قاتناش ئىدارىسىدىن تۇتۇپ كەتكەن. ئىگىلىنىشىچە، ئۇ «بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش پۇنكىتىدىن بىر قانچە گۇمانلىق ئادەمنى ياخشى تەكشۈرمەي بىخەستەلىك قىلىپ ئۆتكۈزۈۋەتكەن» دېگەن باھانە بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە نوپۇسى تۇرۇشلۇق بۈگۈر ناھىيەسىگە ئېلىپ كېتىلگەن ئىكەن.

ھەپتە ئىلگىرى دائىرىلەر نۇرىمانگۈلنىڭ دادىسىغا قىزىنىڭ كېسەل سەۋەبلىك «تەربىيەلەش مەركىزى» دىن بۈگۈر ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكى ۋە قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان، ھەتتا دادىسىغا قىزىنىڭ داۋالاش پۇلىنى تۆلەتكۈزگەن. دائىرىلەر نۇرىمانگۈلنىڭ دەپنە ئىشىنى ئۆزىمىز ئورۇنلاشتۇرىمىز دەپ ئۇنىڭ مېيىتىنى ئائىلىسىگە بەرمىگەن، ھەتتا يۈزىنىمۇ كۆرسەتمەي ئېلىپ كەتكەن ئىكەن.

ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغان قولۇم-قوشنا، تۇغقانلاريوقلاپ كىرگەندە قىزىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قايغۇ-ئەلەمدە قالغان بۇ ئاتا قىزىنىڭ دوختۇرخانىدا كىيگەن قان يۇقى كىيىمىنى قۇچاقلاپ يىغلاپ ئولتۇرغان ئىكەن.

بىز بۇ ئۇچۇرلارنى دەلىللەش ئۈچۈن بۈگۈر ناھىيەلىك دوختۇرخانا، بۈگۈر ناھىيەلىك ساقچىخانا، ۋە خوتەن ئۇزۇن يوللۇق قاتناش ئىدارىلىرى بىلەن ئالاقىلەشكەن بولساقمۇ، لېكىن ئۇلار سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمەي تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.

بۇ ئۇچۇرنى يەتكۈزگۈچى نۇرىمانگۈلنىڭ ئىنتايىن ساغلام، چىرايلىق، خۇشخۇي تىرىشچان بىر قىز ئىكەنلىكىنى، ھېچقانداق بىر كېسىلىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ نۇرىمانگۈل «تەربىيەلەش مەركىزى» دە قىيىن-قىستاق ياكى باشقا بىر سەۋەب بىلەن نەھەقچىلىككە ئۇچرىدى دەپ گۇمان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز يەنە بۇ قىزنىڭ بەرگەن ئۇچۇرىغا ئاساسەن نۇرىمانگۈلنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان، ھازىر نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان بىر ساۋاقدىشى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. بۇ ساۋاقدىشىمۇ نۇرىمانگۈلنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى بىر قانچە كۈن ئىلگىرى يەنە بىر ساۋاقدىشىدىن ئاڭلاپ قاتتىق ئېچىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇمۇ نۇرىمانگۈلنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەھۋاللارنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۇرىمانگۈلنىڭ بۇ تۇيۇقسىز ئۆلۈمى ئۇلار تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بۈگۈر ناھىيەسىدىكى ھەممە كىشىگە تارالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردىكى ھېچكىمنىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى ئەمەس، ھەتتا تىركلەرنىمۇ سۈرۈشتە قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقانلىقى مەلۇم.

كانادالىق ياش كۆزەتكۈچى جاڭ شاۋ تەرىپىدىن خىتاي تور بەتلىرىدىن كۆچۈرۈپ ساقلىۋېلىنغان ۋە نۆۋەتتە خىتاي تور بەتلىرىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە تارماقلىرىغا ئائىت بىر خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا خوتەندىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» دا تۇتقۇنلارنىڭ ئۆپكە كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن. دائىرىلەر خوتەندىكى 7 ناھىيە، بىر شەھەردىكى لاگېرلاردا ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىپ، 558 كىشىنى دوختۇرخانىغا يۆتكىگەن. خەۋەردە سەھىيە تارماقلىرىنىڭ خىزمەتلىرى بايان قىلىنغان، ئەمما بىمارلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ھېچنېمە دېيىلمىگەن.

خىتاينىڭ بۇ لاگېرلارنى قۇرۇشتىكى مەقسىتى چەتئەتللەردىكى بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن «ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، دىن، مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى پەرقى ۋە خاسلىقىنى يوقىتىش، مەزكۇر رايوننىڭ خىتاي بىلەن بىر پۈتۈنلىشىشىگە توسالغۇ دەپ قارالغان ئامىللارنى ئېلىپ تاشلاش» دەپ قارىلىۋاتقان بىر پەيتتە خىتايدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» دىن كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈم خەۋەرلىرى بۇ قاباھەتلىك جايغا جىددىي سوئال قويۇلماقتا.

خەلقئارلىق ئاخباراتلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا قۇرغان لاگېرلىرى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلغان بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر، بۇ لاگېرلارنى «ناتسىستلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرى بىلەن ئوخشاش» دەپ قاراۋاتقان بولسا، يەنە بەزىلەر بۇ لاگېرلارنى «ئىنسانىيەتكە قارشى بىر جىنايەت» دەپ تەسۋىرلىمەكتە.

مەرھۇم نۇرىمانگۈل 1993-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ يېڭىسار يېزىسىدا تۇغۇلغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت