ئۆزبېك ئەلىشىر ئوسمانوف ئەنگلىيە ۋە رۇسىيىدىكى ئەڭ باي ئادەم دەپ باھالاندى

ئەنگلىيىدە چىقىدىغان «يەكشەنبە ۋاقتى» مەجمۇئەسىنىڭ يېزىشىچە، بۇ يىل ئەنگلىيىدىكى ئەڭ باي ئادەملەرنىڭ رويىخېتىنى تۇرغۇزغاندا، بىر نەپەر ئۆزبېك بېيى، يەنى ئەلىشىر ئوسمانوف، ئەنگلىيىدىكى بۇ يىللىق ئەڭ باي ئادەملەر تىزىملىكىدە 2 - ئورۇننى ئىگىلىگەن.

58 ياشلىق ئەلىشىر ئوسمانوفنىڭ بايلىقى 12.32 مىليارد فۇنت ستېرلىڭ بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى مېتاللۇرگىيە ساھەسىدە سودا قىلغان.

ئەلىشىر ئوسمانوف يەنە بۇ يىل رۇسىيىدىكى ئەڭ باي ئادەم قاتارىغا كىرگەن بولۇپ، بايلىقى 20 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن.

ئەلىشىر ئوسمانوف 1954 يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ نەمەنگان ئوبلاستىدا تۇغۇلغان. دادىسى تاشكەنتتە تەپتىش بولۇپ ئىشلىگەن. ئەلىشىر ئوسمانوف 1970 - يىللاردا موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر مەزگىل ئۆزبېكىستاندا كومسومول ئىتتىپاقى، تاشقى سودا ئورگانلىرىدا ئىشلىگەن ھەمدە 80 - يىللاردا قاماق جازاسىغا ئۇچرىغان. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن خۇسۇسىي سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئاخىر 20 يىل ئىچىدە دۇنيادىكى ئەڭ باي ئادەملەر قاتارىغا كىرگەن.

2012 - يىلىدىكى ئەنگلىيىدىكى 1 - نومۇرلۇق باي ھىندىستانلىق كىشى بولغان. 2 - نومۇرلۇق باي ئەلىشىر ئوسمانوف، تەنتەربىيىنى ياخشى كۆرگەن بولۇپ، ئۇ پۇتبول ھەرىكىتىنى ناھايىتى قوللايدىكەن.