مەزكۇر قاتناش ھادىسىسىدە 10 كىشى نەق مەيداندا ئۆلگەن، ئېغىر يارىلانغان بىر كىشى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلىۋاتقاندا جان ئۈزگەن، 6 كىشى يارىلانغان.
بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، ئاپتوموبىلدىكى 15 كىشىنىڭ ئالتايدىكى بىر ساياھەت شىركىتى تەشكىللىگەن ساياھەتچىلەر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن، ئەمما ئۇلارنىڭ كىملىكى ۋە مىللەت تەركىبى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىگەن. ھازىر، ئالتاي ساقچى دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا.
يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە قاتناش ھادىسىلىرى بىر قەدەر كۆپىيىپ كەتكەن بولۇپ، ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، بۇنىڭ سەۋەبلىرى قاتارىدا پۇل تېپىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، قاتناش قائىدىلىرىگە رىئايە قىلماسلىق ۋە قاتناش ساقچىلىرىدىكى چىرىكلىك قىلمىشلىرىمۇ بار ئىكەن.