بېرمىدا قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئامېرىكا پۇقراسى قۇتۇلدۇرۇلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.08.15
2009.08.15
ئاڭ سان سۇكىيى خانىم، بېرمىلىق داڭلىق دېموكراتىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە 1991 - يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ئىدى. ئۇ، 18 ئايدىن بۇيان نەزەر بەند ئاستىغا ئېلىنغان بولۇپ، جون يېتتاۋ سۇكىيى خانىمنى يوقلاش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۆيىگە سۇ ئۈزۈپ بارغان.
بېرما ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، يېتتاۋ ئەپەندىنىڭ مەزكۇر ھەرىكىتىنى جىنايى ھەرىكەت دەپ بېكىتكەن ۋە سۇكىيى خانىمغىمۇ شۇ سەۋەبىدىن جىنايەت ئارتقان. نەتىجىدە يېتتاۋ ئەپەندىگە 7 يىللىق، سۇكىيى خانىمغا 3 يىلقى قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان.
بۇرما دائىرىلىرىنىڭ سۇكىيى خانىمغا ھۆكۈم ئېلان قىلىشى، دۇنيا خاراكتېرلىك نازلىق قوزغىغان ۋە ب د ت بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنى سۇ كىيى خانىمنى قويۇپ بېرىشكە قىستىغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، پالاتا ئەزاسى جىم، سۇكىيى خانىم بىلەنمۇ 40 مىنۇت ئەتراپىدا سۆھبەتلەشكەن، ئۇنىڭ دۇنيا دېموكراتىيىسى ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىگە چوڭقۇر ئېھتىرام بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قۇتۇلدۇرۇلغان ئامېرىكا پۇقراسى جون يېتتاۋ، ھەربىي ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ يەكشەنبە كۈنى بېرمىدىن ئايرىلىدىكەن.