ئاقسۇ شەھىرىدە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

پەيشەنبە كۈنى ئاقسۇ شەھىرىدە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 7 كىشى ئۆلۈپ، 14 كىشى يارىلاندى. يارىدارلاردىن 4 ىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقى مەلۇم بولماقتا. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقە ئاقسۇ شەھىرىدىكى بىر كوچا ئېغىزىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، بومبا قاچىلانغان بىر ئاپتوموبىلنىڭ پارتلىشى بىلەن مەيدانغا كەلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ۋەقەنى سادىر قىلغۇچى كىشى بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىلى بىلەن ئامانلىق چارلاش ئەترىتىدىكىلەرگە ھۇجۇم قىلغان. ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، ۋەقەنى سادىر قىلغۇچى ۋە ئۆلگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئىكەن.

ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى خۇ خەنمىڭ پارتىلاشنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 30:08 ئەتراپىدا يۈز بەرگەنلىكىنى، ۋەقەنى سادىر قىلغۇچى كىشىنىڭ يارىدار ھالدا نەق مەيداندا قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاقسۇ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بولسا ۋەقە ئۈستىدە قاتتىق تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئاقسۇدىكى ۋەقەنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ بىر نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.