ئاقسۇ ئامانلىق تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر ۋىلايەت پارتكومى نوپۇس كونترول قىلىش خىزمىتىدىكى مۇھىم نۇقتىنى چۆرىدىگەن ئاساستا، پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدىكى "جازالاشنى ئاساس قىلىشتىن پايدا يەتكۈزۈشنى مەركەز قىلىشقا ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت كۆپ قاتلاملىق خىزمەت تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش" توغرىسىدا كۆرسەتمىلەرنى بەرگەن.
كۆرسەتمىدە يەنە، ۋىلايەت تەۋەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرى "ئاساسى قاتلامدىكى قايتا تۇغۇشقا تەستىق سېلىش خىزمىتىگە قارىتىلغان نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش" كېرەكلىكى قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى يەنە نۆۋەتتە بىر مىليون ئادەمنىڭ ئاساسى ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ كومپيۇتېر ئارخىپ ئامبىرى تورى ۋە پىلانلىق تۇغۇت تورلىرىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشماقتا ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى تۇغۇت چەكلەش خىزمىتىنى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى 3 ۋىلايەتنى مەركەز قىلىپ كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ كېلىش قەدىمىنى تىزلىتىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ كونترول قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى دۇنيا جامائەتچىلىكىنى شۈبھىلەندۈرۈپ كەلمەكتە ئىدى.