مەركىزى پارىژدىكى مەزكۇر تەشكىلات بۇ ھەقتىكى باياناتىدا خۇ جىنتاۋنىڭ "ئىنتېرنېت ساقچىسى قاتارلىق دۆلەت ئاپپاراتلىرىنى ۋە تەشۋىقات بۆلۈمىنى سەپەرۋەر قىلىپ، خىتايدا ئەركىن مەتبۇئاتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى توسىغانلىقى"نى ئىلگىرى سۈرگەن.
باياناتتا، خۇ جىنتاۋنىڭ 2008" نىزامنامىسى"غا ئىمزا قويغان ئۆكتىچى زاتلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ تىبەت خەلقىنى باستۇرۇپ، 2008 - يىلى يۈز بەرگەن لخاسا ۋەقەسىگە دائىر رەسىم ۋە ئۇچۇر يوللىغان تىبەتلەرنى قولغا ئالغانلىقىنى، 2009 - يىلى 7 - ئايدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسيانىنى باستۇرۇپ، ئىنتېرنېتنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىنى، ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىنى "بۆلگۈنچىلەر"گە قارشى سەپەرۋەر قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئاخبارات ئەركىنلىكىگە دۈشمەن شەخسلەر تىزىملىكىدىكى 40 شەخس ۋە گۇرۇھلارنىڭ ئىچىدە يەنە، جەنۇبىي كورىيە رەھبىرى كىم جۇڭئىل، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموف، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا ئىبنى ئەل سەئۇد، پاكىستان ۋە ئافغانىستاندىكى قوراللىق ئىسلامى گۇرۇھلار، تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى بەردىمۇھەمەدوف، رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋىدېف بىلەن باش مىنىستىرى پۇتىن قاتارلىقلار بار.