"ئايروپىلاندا بومبا بار" خەۋىرى خىتاينى ئوسال ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى

خىتاي دائىرىلىرى 9 ‏ - ئاۋغۇست كۈنى ئافغانىستاندىن ئۈرۈمچىگە كېلىۋاتقان ئايروپلاندا بومبا بارلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغان؛ بۇ سەۋەبتىن مەزكۇر ئايروپىلاننىڭ ئۈرۈمچىگە قونۇشىغا رۇخسەت قىلمىغان؛ ئايروپىلان سەپىرىنى ئارقىسىغا ياندۇرۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.08.11

ئايروپىلان قەندىھار ئايرودرومىغا قونغاندىن كېيىن، ئايروپىلاندا بومبا يوقلۇقى ياكى ئايروپىلان بۇلاشنى پىلانلىغۇچىلارنىڭمۇ يوقلۇقى مەلۇم بولغان ئىدى. ئايروپلاندا بومبا بار دېيىلگەن ساختا خەۋەر سەۋەبلىك، ئايروپلاندىكى 170 نەپەر يولۇچىنىڭ سەپىرى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان؛ ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارا ئايرودروم بىر مەھەل ئەنسىزچىلىككە چۆمگەن ۋە خىتاينىڭ يۈزلىگەن تېررورغا قارشى كۈچلىرى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ئارتۇقچە زەھمەت چەككەن.

نۆۋەتتە مانا بۇ ئاۋارىچىلىققا سەۋەب بولغان ساختا خەۋەرنى كىمنىڭ تارقاتقانلىقى سىر ھالەتتە تۇرماقتا. سەپىرى توسالغۇغا ئۇچرىغان كام ھاۋا يوللىرى شىركىتى، مەزكۇر ساختا ئۇچۇرنى ئۆزلىرىنىڭ تىجارەت ساھەسىدىكى رىقابەتچىلىرىنىڭ تارقاتقان بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي تەرەپ بولسا دەسلەپكى مەلۇماتىدا، مەزكۇر ئايروپىلاننىڭ شەرقى تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى، بۇ ئۇچۇرنى ئۆزلىرىنىڭ ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ بايقىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاي ئەمدىلىكتە، مەزكۇر ساختا ئۇچۇرنىڭ مەنبەسى ھەققىدىكى سوئاللارنى جاۋابسىز قالدۇرماقتا.
كۆزەتكۈچىلەر، بۇ قېتىم ئايروپىلان ئاۋارىچىلىقنى خىتاينىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئالاقزادىلىكىدىن كۆرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.