بان كىمۇن: 2012-يىل داۋالغۇشلار بىلەن تولغان بىر يىل بولدى
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.12.20
2012.12.20
بان كىمۇن سۆزىدە 2012-يىلىدا گەرچە نۇرغۇن پۇرسەتلەر بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما تۇيۇقسىز مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلىكلەر سەۋەبىدىن ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانلارنىڭ ئىشقا ئاشمىغانلىقىنى، توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا، كىشىلىك ھوقۇققا ئوخشاش ئۇنىۋېرسال ئۇقۇملارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا يېتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىلمىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.
ئۇ سۈرىيىدىكى توقۇنۇشلاردىن تارتىپ، ئافرىقىدىكى قوراللىق تەشكىلاتلارغىچە ۋە شىمالىي كورىيىگىچە بولغان مەسىلىلەردە خەلقئارانى ھەمكارلىشىشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە، ئاسىيادىكى دۆلەتلىرىدىكى يېڭى ئالماشقان رەھبەرلەرنىڭ خەلقىگە پاراغەت ۋە تىنچلىق بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بان كىمۇن ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا 2012-يىلىنى داۋالغۇشلار بىلەن تولغان بىر يىل بولغانلىقىنى بىلدۈردى.