ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتا سۆز ئورامىنى ئۆزگەرتىشى دىققەتنى چەكتى
2013.01.23
بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى «ئامېرىكا ھەر جەھەتتىن چۆكۈشكە قاراپ يۈزلەندى» دەپ ئويلاپ قېلىپ، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە تېخىمۇ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشقا باشلىغان. خىتاينىڭ بۇ خىل پوزىتسىيىسى ئامېرىكىنى خىتاي سىياسىتىنى مۇئەييەن ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلغان.
ئوباما ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئېلىشتىن ئىككى كۈن ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم سېنكاكۇ مەسىلىسى ۋە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە خىتايغا ۋاسىتىلىك ھالدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.
كلىنتون خانىم مۇنداق دېگەنىدى: بىز ياپونىيىنىڭ مەزكۇر ئارالغا قارىتا باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئورا كولايدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتكە قارشى.
خىتايمۇ دۈشەنبە كۈندىكى باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر مەيدانىغا قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرگەن.
4 يىل ئاۋۋال بىر قىسىم تەرەپلەردە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمدىلىكتە خىتايغا قارىتا سۆز ئورامىنى ئۆزگەرتىشى دىققەتنى چەكتى.