سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشىر ئاساتنى ئەيىبلەش ھەققىدە ب د ت غا تەكلىپ سۇنۇلدى

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، سۈرىيىنىڭ جەسر ئەل شۇغۇر شەھەرچىسىدە ھازىر داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي قىرغىنچىلىقتىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، يۈزلەپ-يۈزلەپ توپ بولۇپ توسۇقلاردىن ئۆتۈپ، چېگرادىن قاچقان سۈرىيە پۇقرالىرى ھازىر تۈركىيىگە كىرىۋاتىدۇ.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەنگلىيە باش مىنىستىرى داۋېت كامىرون بۈگۈن، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە بىرلىكتە ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە، سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشىر ئاساتنى ئىنسانپەرۋەرلىك جەھەتتىن ئەيىبلەش ھەققىدە بىر قارار لايىھىسى سۇنغانلىقىنى جاكارلىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كامىرون سۆزىدە، ئەگەر قايسى بىرى، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە بۇ قارار لايىھىسىگە ئاۋاز بېرىشتە، خەلققە قارىتا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زوراۋانلىق قىلىۋاتقان كىشىگە ھېسداشلىق قىلىپ، قارشى ئاۋاز بەرمەكچى ياكى رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلەتمەكچى بولسا، ئۆزىنىڭ ئىنسانىيەتكە تەۋە ياكى ئەمەسلىكىنى ھېسابلاپ ئىش قىلسۇن، دەپ ئەسكەرتتى.