بېيجىڭدا بىر تۈركۈم مۇستەقىل سايلام نامزاتلىرى تۇتقۇن قىلىندى

خىتايدا بۇ يىل 5-ئايدىن باشلاپ ئاساسى قاتلام خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلىمەكتە. بۇ سايلامدا جەمئىي 2000دىن ئارتۇق ناھىيە، 30مىڭدىن ئارتۇق يېزا خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سايلاپ چىقىلىدۇ.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.09.30

خىتاي گەرچە ئاساسى قاتلام سايلاملىرىدا مۇستەقىل نامزاتلارنىڭ قاتنىشىشىغا يول قويۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تۈرلۈك چەكلىمىلەر ئارقىلىق كومپارتىيە كۆرسەتكەن نامازاتلارنىڭ ئۇتۇپ چىقىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلماقتا.

بېيجىڭ شەھىرىدە سايلىنىشقا ئۆزىنى تىزىملاتقان بىر تۈركۈم مۇستەقىل نامزاتلار بىرقانچە كۈندىن بېرى ساقچىلار تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.

رادىئومىز خىتايچە بولۆمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامزاتلاردىن بىرى كوچا ئاھالىلەر كومىتېتىغا ئاپىرىلىپ مەجبۇرىي ھالدا سايلام قانۇنى ھەققىدە دەرس بېرىلگەن. نامزات سايلام قانۇنىنى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتسىمۇ، ئۇنىڭ ئاھالىلەر كومىتېتىدىن ئايرىلىشىغا يول قويۇلمىغان.

خەن فامىلىلىك يەنە بىر نامزاتنىڭ قول تېلېفونى تارتىۋېلىنغان. ۋۇ پەمىلىك نامزاتنىڭ مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈشى چەكلەنگەن. يەنە بىر نەپىرى بولسا ساقچىخانىدا 14 سائەت توختىتىپ سوراق قىلىنغان. خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدە ئالدىنقى كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بىر سايلامدا، گو فامىلىلىك مۇستەقىل نامزات ئۇتۇپ چىققان.

كۆزەتكۈچىلەر نۆۋەتتە باش كۆتۈرۈۋاتقان سايلام ماجىرالىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كېڭىيىدىغانلىقىنى ۋە ئۆتكۈرلىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.