ئۇنىڭ بۇنداق ئېغىر قىلمىشلار بىلەن ئەيىبلىنىشى چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ناھايىتى تاسادىپىي تۇيۇلدى. كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇروسى جۈمە كۈنى قارار چىقىرىپ، بو شىلەينى خىيانەتچىلىك ۋە باشقا جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ تەپتىش دائىرىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى بۇيرۇغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سىياسىي بيۇرونىڭ قارارىدا بو شىلەينىڭ پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى، ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسى، گۇ كەيلەينىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش قىلمىشىدا ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىش، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ نەپسىگە چوغ تارتىش، بىۋاسىتە ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئارقىلىق باشقىلاردىن پارا ئالغانلىقى، ئاياللار بىلەن ناشايان مۇناسىۋەتلەردە بولغانلىقى، ئادەم ياللاپ تەكشۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بو شىلەينىڭ يەنە، باشقا جىنايى مەسىلىلەر بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكى بايقالغانلىقى، ئۇنىڭ قىلمىشى ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خىتاينىڭ ئابرۇيىغا زور بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى، خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ئىنتايىن يامان تەسىر پەيدا قىلىپ، ئېغىر زىيان سالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى بو شىلەينىڭ ئايالى گۇ كەيلەي ئەنگلىيىلىك سودىگەر نېيل خەيۋۇدنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ، كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغان. چۇڭچىڭ شەھەرلىك ج خ نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ۋاڭ لىجۈن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.