خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيىسىنىڭ چاغانلىق پروگراممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ تەنقىد ۋە مەسخىرىسىگە ئۇچرىدى

خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيىسىنىڭ، 9-فېۋرال كۈنى تارقاتقان چاغانلىق پروگراممىسىدا، ئاۋات ناھىيىسىدىكى بىر ئۇيغۇر ئائىلىسى تونۇشتۇرۇلۇپ، بۇ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھاراق ئىچىپ يەنى رومكا سوقۇشتۇرۇپ چاغاننى تەبرىكلىگەنلىكى ۋە ئىناق جەمئىيەت ئۈچۈن تىلەكداشلىق بىلدۈرگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ئۇيغۇربىز تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پروگراممىنىڭ مەزكۇر پارچىسى ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلەر ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان. بېزىلەر، ئۇيغۇرلاردا چاغان تەبرىكلەش ئادىتى يوقلۇقىنى، بولۇپمۇ بىر ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىرلىكتە ھاراق ئىچىش ئادىتى يوقلۇقىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيىسىنى ساختىپەزلىك بىلەن ئەيىبلىگەن.

بېزىلەر بولسا، خىتايدىكى ئاساسلىق بىر تېلېۋىزىيىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئادەتلىرىدىنمۇ خەۋەرسىزلىكىنى مەسخىرە قىلغان.

يەنە بېزىلەر بولسا خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ مانا مۇشۇنداق ساختا كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق خىتاي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۇيغۇرلارغا سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان.