ئۇيغۇر رايونىدا چوشقا زۇكىمىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى كىشىنى چۆچۈتمەكتە

بۈگۈن شىنخۇا ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا چوشقا زۇكىمى ناھايىتى تېز تارقالماقتا. 1 - يانۋاردىن 11 - يانۋارغىچە ئېلىپ بېرىلغان سىتاتىستىكىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونىدا 11 كۈننىڭ ئىچىدىلا 5100 كىشى چوشقا زۇكىمى شىكايىتى بىلەن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010.01.14

بۇلارنىڭ ئىچىدىن 11 نەپىرى كارانتىنغا ئېلىنغان. 12 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئەمما مەزكۇر رەقەم بىڭتۇەندە چوشقا زۇكىمى بىلەن ئۆلگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغان 5100 كىشىدىن ھازىرغىچە 2949 نەپىرىنىڭ چوشقا زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلىنىپ، ئۇلارغا رەسمىي دىئاگنوز قويۇلغان.
 
خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە يەنە، ھازىر ئۇيغۇر رايونىدا چوشقا زۇكام ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى يەنىلا يۇقىرى پەللىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بولۇپمۇ مەكتەپلەرنىڭ تەتىل بولۇشى ۋە خىتايلارنىڭ چاغان بايرىمىدا ساياھەتنىڭ كۆپىيىشى بىلەن كېسەللىكنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

ھازىر چوشقا زۇكىمى ئۇيغۇر رايونىدا تېز سۈرئەتتە يامراۋاتقان بولۇپ، 13 ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلارنىڭ ھەممىسىدە چوشقا زۇكىمى بايقالدى.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.