دۆلەت قانۇنىدا چوشقا مەنئى قىلىنغان ئىسرائىلىيىدىمۇ چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بېمار سانى 7 گە يەتتى.
فراسىيە ئاگېنتلىقنىڭ بايان قىلىشىچە، چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى ھازىر ئىنسانلاردا ھېچقانداق مۇداپىئەلىنىش تەدبىرى يوق (چوشقا زۇكامى ۋاكسىنىسى قوللىنىمغان) ئەھۋال ئاستىدا تارقىلىۋاتىدۇ.
بۇنداق خەتەر ئاستىدا، ھەر قايسى دۆلەتلەر يۇقۇملۇق چوشقا زۇكامىغا دۇچار بولغان بېمارلارغا بولغان غەمگۇزارلىقنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، ئىنسانىيەتنىڭ ئەۋلاتلىرىنى بۇنىڭدىن مەڭگۇ خالى قىلىش ئۈچۈن ۋاكسىنا ئىشلەۋاتىدۇ ۋە بۇنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىپ، خۇددى 1919 - يىلى ئىسپانىيىدە 40 مىليون ئادەمنى ھاياتىدىن ئايرىغاندەك ئېغىر ھادىسە كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دورا زاپىسى تەييارلاۋاتىدۇ.
ھازىر دۇنيا مېقياسىدا قوللىنىلىۋاتقان چوشقا زۇكامى ساقلىنىش تەدبىرىلىرىدىن قارىغاندا، بۇنداق يۇقۇملۇق كېسەل ئادەمدىن ھايۋاناتقىمۇ، ھايۋاناتتىن ئادەمگىمۇ بەدەن ئارقىلىق ياكى ھاۋا ئارقىلىق يۇقىۋىرىدۇ. ئۇنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى ئادەتىكى زۇكامنىڭ ياكى قۇش زۇكامىنىڭ ئالامەتلىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇنى بايقاش-پەرقلەندۈرۈش ۋە داۋلاش يۇقىرى پەن - تېخنىكا تەلەپ قىلىدۇ.
ھازىرقى ئەھالدا، چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى يۇقۇشتىن ساقلىنىشنىڭ ئاددى چارىسى پۇت-قولنى، بەدەننى پاكىزە تۇتۇش ۋە ئادەتتىكى زۇكام ئالامەتلىرىگە ھەرگىز سەل قارىماسلىقتىن ئىبارەت.