خىتاي ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Nirupama Rao، شەنبە كۈنى دارامسالادىكى تىبەت سۈرگۈن ھۆكۈمىتى قارارگاھىنى زىيارەت قىلىپ، دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەن ۋە بىر يېرىم سائەت سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. سۆھبەتكە تىبەت سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ۋە دالاي لامانىڭ باياناتچىسىمۇ ئىشتراك قىلغان. يىغىندىن كېيىن تىبەت تەرەپ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا بەرگەن جاۋابىدا، مەزكۇر سۆھبەتنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﮪﺮﻩﺕ ﮪﻮﺷﯘﺭ
2010-07-13
Share

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى بۈگۈن بۇ سۆھبەتكە قارىتا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە ھىندىستاننىڭ خىتاينىڭ دۆلەت پۆتۈنلۈكىنى ئېتىراپ قىلغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، تىبەت مەسىلىسىدە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرۇشقا چاقىرغان.

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بۇ قېتىم دالاي لاما بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى، ھىندىستان دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت