ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 31 - ئاۋغۇست كۈنى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان دالاي لامانىڭ خەلقئارالىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى بىكار قىلىنغان بولۇپ، بۇ تەيۋەندە قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلغان. بۇ پائالىيەتكە دۇنيانىڭ 130 دىن ئارتۇق مەشھۇر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى قاتنىشىشقا تەييارلانغان ئىدى.
تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقى بۇ قېتىملىق خەلقئارالىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىنى ئەمەلىيەتتە تەيۋەندىكى تىبەت دىنىي فوندى تەشكىلاتىنىڭ توختىتىش ھەققىدە گائوشىيوڭ ھۆكۈمىتىگە ئۇقتۇرغانلىقى ھەمدە دالاي لامانىڭ مەقسىتىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەر ئۈچۈن تىلاۋەت قىلىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
بىر قىسىم تەيۋەن سىياسەتچىلىرى دالايلامانىڭ بۇ ھەرىكىتىنى "سىياسىي ئاقىلىنالىق" دەپ ئاتىغان بولۇپ، دالاي كېلىشتىن ئىگلىرى تەيۋەن ھۆكۈمىتىدە تالاش - تارتىش بولغانلىقى ھەتتا، پرېزىدېنت مايىڭجو ھۆكۈمىتىنىڭ ئاستىرتتىن خىتاي تەرەپ بىلەن مايىڭجونىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشمەيدىغانلىقى ھەققىدە كېلىشكەنلىكىگە ئائىت ئۇچۇرلار تارقالغان. چۈنكى دالاي لامانىڭ زىيارىتى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىگە جىددىي تەسىر كۆرسىتىدىغان مەسىلىگە ئايلانغان ئىدى.