د ئۇ ق ئالىي كېڭەش يىغىن ۋەكىللىرىنىڭ قازاقىستان ھەم قىرغىزىستان چېگراسىدا توسۇپ قېلىنغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تور بېتىدە ئىنگلىز تىلىدا مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان شەرقى تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، يولغا چىققان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قازاقىستان ھەم قىرغىزىستان چېگراسىدىن چىقىش ئالدىدا ئايرودرومدا توسۇپ قېلىنغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011.05.03

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئېچىلغان شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى 2-ماي كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن باشلانغان بولۇپ، يىغىن 8-مايغىچە داۋاملىشىدۇ.

يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن يولغا چىققان قازاقىستاندىكى مەشھۇر سىياسىي پائالىيەتچى قەھرىمان غوجامبەردى ۋە قىرغىزىستاندىكى سىياسىي پائالىيەتچىلەردىن دىلمۇرات ئەكبەروۋ، روزى مۇھەممەت ئابدۇلباقىيېۋ، خاسىيەتخان توختاخۇنوۋا، ئېلۋاسخان سالوۋ ئاخۇنوۋ قاتارلىق 5 كىشى قازاقىستان ھەم قىرغىزىستان چېگراسىدىن چىقىش ئالدىدا پاسپورتتا مەسىلە بار دېگەن باھانىدە ئايرودرومدا توسۇپ قېلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.