شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى يېقىندا خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ سەنشادا گارنىزون قۇرۇشنى تەستىقلىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. خىتاي تەرەپ يەنە پولكوۋنىك دەرىجىلىك ئىككى ھەربىي ئەمەلدارىنى سەنشا گارنىزون قوماندانى ۋە سىياسىي كومىسسارى قىلىپ تەيىنلىگەن ئىدى.
لېكىن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پاترىك ۋېنترېل جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئەسكەرتىپ: بىز جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتىنىڭ ئۆتكۈرلىشىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز ۋە بۇ رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز، دېگەن.
ئۇ يەنە: خىتاينىڭ سەنشانىڭ مەمۇرىي دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىشتىكى رايوندا گارنىزون قۇرۇشى ئىختىلاپنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن سۆھبەتلىشىپ ھەل قىلىشقا پايدىسىز. بۇ مەزكۇر رايوندىكى جىددىي ۋەزىيەتنى ئىلگىرىلەپ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتكەن.
خىتاينىڭ سەنشا شەھىرىنى قۇرۇپ، گارنىزون تەسىس قىلىشى بىر قىسىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون مېككېيىن خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى« ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ تەنقىد قىلغان.
بىراق خىتاي ئامېرىكىنىڭ تەنقىدىنى رەت قىلىپ، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنىڭ خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ كەلمەكتە. يېقىندا خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ياڭ يۈيجۈن، جۇڭگونىڭ ئۆز زېمىنىدا ئورگان قۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن.