Google غا قىلىنغان ھۇجۇم شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەردىن ئېلىپ بېرىلغان

"نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى" جۈمە كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىپ، Google ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ يېقىندا ئۇچرىغان تور ھۇجۇمى خىتاينىڭ شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ھەربىيلەرگە مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر مەكتەپتىكى كومپيۇتېرلاردىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

"نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى" بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئىسمىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغان مەنبەلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئامېرىكا تور بەتلىرىنى خاكلاش ھەرىكىتىنىڭ قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە لەنشياڭ كەسپىي مەكتىپىگە چېتىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لەنشياڭ كەسپىي مەكتىپى بولسا ھەربىيلەرنىڭ قوللىشى ئاستىدا قۇرۇلغان بولۇپ، خىتاي ئارمىيىسىگە كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسلىرىنى يېتىشتۈرىدىغان مەكتەپ ئىدى. Google شىركىتى بۇ يىل 1 - ئايدا مەزكۇر توردىكى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكى ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ خەت ساندۇقى ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ھۇجۇمنى خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن. گېزى كەلسە خىتايدىكى تىجارىي مەشغۇلاتىنى توختىتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدا "نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى" ئۇچۇر بەرگەن خەۋەر مەنبەلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ قېتىمقى تور جاسۇسلۇقى 2009‏ - يىلى 4 ‏ - ئاينىڭ باشلىرىدا باشلانغان ۋە كومپيۇتېر كود نومۇرى، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئالاقە تورى ۋە سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاشنى مەقسەت قىلغان.

Google شىركىتى خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.