خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي دائىرىلىرى «28 - دېكابىر گۇما ۋەقەسى» گە جاۋاب بېرىشى كېرەك

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بايانات ئېلان ئىلىپ خىتاي دائىرىلىرىدىن «28 - دېكابىر گۇما ۋەقەسى» دە تۇتۇپ كېتىلگەن بالالارنىڭ ئەھۋالنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى ۋە دائىرىلەرنىڭ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىغا سوئال قويدى.

باياناتتا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىشلىرى بۆلۈمى دىرېكتورى سام زەرىفىنىڭ ۋەقەدە 7 ئۇيغۇرنىڭ ئېتىلغانلىقى ھەققىدە ئېيتقانلىرى نەقىل قىلىنغان.

سام زەرىفى مۇنداق دېگەن: ھۆكۈمەتنىڭ 7 ئادەم «قولغا ئېلىشقا قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى» دېگەن چۈشەندۈرۈشى 7 ئادەمنىڭ بىكاردىن - بىكار ئېتىپ تاشلانغانلىقى ۋە يەنە باشقىلارنىڭ يارىلانغانلىقىغا جاۋاب بولالمايدۇ.

سام زەرىفى يەنە مۇنداق دېگەن: ھەتتا بۇ گۇماندارلار ساقچىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن تەقدىرىدىمۇ، ۋەقەدە شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋەقەنى بېسىقتۇرۇش جەريانىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە خىلاپ ھالدا زىيادە كۈچ ئىشلىتىلگەن ياكى ئىشلىتىلمىگەنلىكى ھەققىدە سوئال پەيدا قىلىدۇ. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

كەچۈرۈم تەشكىلاتنىڭ مەزكۇر باياناتى ھەققىدە كېيىن يەنە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىمىز.