كىلىنتون خانىم ھىندىستاننىڭ شېناي پورتىدا بايانات ئېلان قىلدى

ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا 7‏-ئاينىڭ 19-كۈنى تۇنجى قېتىملىق ئىستراتېگىيە سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011.07.20

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كىلىنتون خانىم ھىندىستاننىڭ شىېناي پورتىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، تېررورلۇققا ھىندىستان بىلەن بىرلىكتە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە ھىندىستاننى خىتاينىڭ ئارقا ھويلىسى بولغان جەنۇبىي ئاسىيادا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە چاقىردى. ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كرىشنا، پاكىستاننى ئۆز زېمىنىدا يوشۇرۇنۇپ تۇرۇۋاتقان تېررورچىلارنى يوقىتىشقا چاقىردى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كىلىنتون خانىم ھىندىستاننىڭ رەقىبى پاكىستان ھەققىدە توختالغاندا يەنە، ئامېرىكا ھەرگىز ئافغانىستاننى تېررورچىلارغا تاشلاپ بەرمەيدۇ، دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.