ئىراندىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا ئەخمەدى نىجات قايتا سايلاندى

ئىراندا ئېلىپ بېرىلغان پرېزىدېنت سايلىمىدا ئىران پرېزىدېنتى ماخمۇت ئەخمەدى نىجات 62% ئاۋاز بىلەن رەقىپلىرىنى يېڭىپ، قايتىدىن ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى بولۇپ سايلاندى. ئۇنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رىقابەتچىسى پرېزىدېنت نامزاتى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋە ئىسلاھاتچىلار ئېقىمىغا مەنسۇپ، مۇساۋى بولۇپ، ئۇ 33% ئاۋازغا ئېرىشكەن.

خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىق تېمىسى بولغان ئىراندىكى بۇ سايلام نەتىجىسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەخمەدى نىجات پۈتۈن ئىران خەلقىگە نۇتۇق سۆزلەپ. بۇ سايلام نىڭ " ئەركىن ۋە راستچىل " بولغانلىقىنى، خەلقنىڭ ھەقىقى ۋە ئەركىن تاللاش ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئەخمەدى نىجاتنىڭ غەلىبىسى بەرىبىر نارازىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەنبە كۈنى سايلام نەتىجىسىدىن نارازى بولغان كۆپلىگەن ئۆكتىچىلەر كوچىغا چىقىپ، سايلامدىن نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان بولۇپ، ئاقىۋەتتە، ساقچىلار بىلەن ئىسلاھاتچى پىكىر ئېقىمىدىكى نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ، مەلۇم ساندا ئادەم قولغا ئېلىنغان، بۇ نامايىشقا سابىق پرېزىدېنت خاتامىنىڭ ئىنىسىمۇ ئىشتىراك قىلغان ئىكەن.

ئەخمەدى نىجات سۆزلىگەن نۇقتىدا غەرب دۆلەتلىرىنى سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن تەنقىد قىلغان.

بۇ قېتىمقى سايلامغا نىسبەتەن ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرى ئىنكاس قايتۇرۇپ، سايلامدا نۇرغۇن گۇمانلىق مەسىلىلەر بارلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئەخمەدى نىجاتنىڭ رىقابەتچىسى مۇساۋى بۇ سايلامنىڭ راستچىل بولمىغانلىقىنى ئەيىبلەپ، سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.