ئىراق پايتەختى باغدادتا پارتلاش يۈز بەردى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯜﺩﯞﺍﺭ
2010.04.04
2010.04.04
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ پارتلاشلارنىڭ بىرى ئىراق خەلق قۇرۇلتىيى دەپ ئاتالغان سىياسىي پارتىيىنىڭ بىناسى يېنىدا پارتلىغان بولۇپ، مەزكۇر بىنادا ئىشلەۋاتقان بىر قىسىم ئادەملەر ئۆلگەن ۋە يارىلانغان. يەنە بىر پارتلاش ئىران ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن. بۇ پارتلاشلار يۈز بەرگەن جايغا يەنە گېرمانىيە ۋە مىسىر كونسۇلخانىلىرىمۇ يېقىن بولغان.
ب ب س نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى پارتلاشلارنىڭ بىرى خىتاينىڭ باغداتتىكى ئەلچىخانىسى ۋە شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىشخانىسىنىڭ يېنىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىشخانىسى بىناسى مەلۇم دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق ھازىرچە خىتاي تەرەپنىڭ ئادەملىرىنىڭ يارىلانغان ياكى ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر يوق.
بۇ قېتىمقى ئۈچ جايدا يۈز بەرگەن ئارقىمۇ - ئارقا پارتلاش ۋەقەسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ئىلگىرى - كېيىن بىر قانچە مىنۇتلا كەتكەن بولۇپ، پارتلاش زەربىسى كۈچلۈك بولغان، شەھەر مەركىزىدىن قويۇق ئىس كۆتۈرۈلگەن.
كېيىنكى ۋاقىتلاردا باغداتتىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش خاراكتېرلىق پارتلىتىش ۋەقەلىرى ئازىيىپ، ۋەزىيەتنىڭ بىر قەدەر تىنچلانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.