ئىرقىي ئايرىمىچىلىق، مىللىي كەمسىتىش ۋە يات قەۋملەرگە بىتاقەت مۇئامىلىدە بولۇش ‏ - شەرمەندىچىلىك

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئېلان قىلغان ئاخباراتقا قارىغاندا، مەزكۇر كومىتېت رەئىسى ناۋى پىللاي دۈشەنبە كۈنى، ئىرقىي ئايرىمىچىلىق، مىللىي كەمسىتىش ۋە يات قەۋملەرگە بىتاقەت مۇئامىلىدە بولۇش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۈندە يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.10.06

ناۋى پىللاي بۇنى " بىر شەرمەندىچىلىك" دەپ ئاتىدى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنى بۇ خىلدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا كونكرېتنى تەدبىرلەرنى ئېلىشقا چاقىردى.

ئۇ يەنە، ھەر قايسى ئەللەر ھۆكۈمەتلىرىنى يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، ئامال بار تارىخى خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ياساشقا تىرىشىشقا ھەمدە ھەر قايسى ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ مەنپەئەتى ۋە ھاياتىغا پايدا ئېلىپ كېلەلەيدىغان قانۇنلارنى تۈزۈپ چىقىشقا چاقىردى.

2001 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دۇربان شەھىرىدە ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ۋە مىللىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش قۇرۇلتىيى ئېچىلغان بولۇپ، قۇرۇلتايغا قاتناشقان ھەر قايسى ئەللەر بىرلىكتە قارار ماقۇللاپ يىغىن روھىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.

كېلەر يىلى ئاپرېلدا، 2001 - يىلى ئېچىلغان قۇرۇلتايدا بېرىلگەن ۋەدىلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىش دەرىجىسى تەكشۈرۈلىدىغان بولۇپ، پىللاي يۇقىرىقىلارنى ئاپرېلدا ئېچىلىدىغان تەكشۈرۈش قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.