ناۋى پىللاي بۇنى " بىر شەرمەندىچىلىك" دەپ ئاتىدى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنى بۇ خىلدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا كونكرېتنى تەدبىرلەرنى ئېلىشقا چاقىردى.
ئۇ يەنە، ھەر قايسى ئەللەر ھۆكۈمەتلىرىنى يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، ئامال بار تارىخى خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ياساشقا تىرىشىشقا ھەمدە ھەر قايسى ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ مەنپەئەتى ۋە ھاياتىغا پايدا ئېلىپ كېلەلەيدىغان قانۇنلارنى تۈزۈپ چىقىشقا چاقىردى.
2001 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دۇربان شەھىرىدە ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ۋە مىللىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش قۇرۇلتىيى ئېچىلغان بولۇپ، قۇرۇلتايغا قاتناشقان ھەر قايسى ئەللەر بىرلىكتە قارار ماقۇللاپ يىغىن روھىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.
كېلەر يىلى ئاپرېلدا، 2001 - يىلى ئېچىلغان قۇرۇلتايدا بېرىلگەن ۋەدىلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىش دەرىجىسى تەكشۈرۈلىدىغان بولۇپ، پىللاي يۇقىرىقىلارنى ئاپرېلدا ئېچىلىدىغان تەكشۈرۈش قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان.